بۇلار شەھەر دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

پېنزا شەھىرى

پېنزا شەھىرى

روسىيە فىدراتسىيەسى ياۋروپا بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، پېنزا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. 

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

پورتو شەھىرى

پورتو شەھىرى

پورتۇگالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، پورتو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ مۇھىم پورتى. پورتو شەھىرى دوئېرو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، ئاتلانتىك ئوكياندىن 5 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. 

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

ۋالپارايسۇ

ۋالپارايسۇ

چىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى، شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ پورتى. ۋالپارايسو چىلىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ 100 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا، چىلىنىڭ پايتەختى سانت ياگو شەھىرى جايلاشقان. بۇ ئىككى شەھەر تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. 

جۇغراپىيە »جۇغراپىيەگە ئائىت    جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    جۇغراپىيە »مەشھۇر جايلار »چەتئەللەردىكى مەشھۇر جايلار    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

پۇسان شەھىرى

پۇسان شەھىرى

چاۋشيەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پورت شەھىرى. جەنۇبىي چاشيەننىڭ سېئول شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى چاۋشيەن بوغىزى بىلەن دۇيما بوغۇزى ياقىسىغا جايلاشقان.

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

پورتونوۋ شەھىرى

پورتونوۋ شەھىرى

بېنىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر. بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى نوكوي قولتۇقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

گلاسگوۋ

گلاسگوۋ

ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى شوتلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم پورتى، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. گلاسگوۋ شوتلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پەس جايغا ، كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان.

جۇغراپىيە »جۇغراپىيەگە ئائىت    جۇغراپىيە »مەشھۇر جايلار »چەتئەللەردىكى مەشھۇر جايلار    جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

پېرت شەھىرى

پېرت شەھىرى

ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ شەھەر، غەربىي ئاۋسترالىيە شتاتىنىڭ مەركىزى. ئاھالىسى 900 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) . شەھەرنىڭ ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، خىمىيە، ياغاچچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. 

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

يېڭى دېھلى

يېڭى دېھلى

يېڭى دېھلى __ ھىندىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى. يېڭى دېھلى بىلەن كونا دېھلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دېھلى شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىركېلىدۇ، ھازىر بۇ ئىككى شەھەر ئەمەلىيەتتە بىرلىشىپ كەتكەن.

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى يوللانغان

يېڭى سىبىرىيە

يېڭى سىبىرىيە

يېڭى سىبىرىيە __ روسىيە جۇمھۇرىيىتنىڭ سىبىرىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، ئوب دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان.

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى يوللانغان

چاۋجۇ شەھىرى

چاۋجۇ شەھىرى

چاۋجۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان داڭلىق مۇھاجىرلار يۇرتى. قەدىمكى شەھەر سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان، ھازىر دۇڭمېن دەرۋازا راۋىقى ۋە سېپىلنىڭ بىر قىسمى مۇكەممەل ساقلانماقتا. 

جۇغراپىيە »مەمۇرىي رايونلار »شەھەر    بۇ يازما 2016-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى يوللانغان