كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسى
كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسى ئاق ئۇن، ماي، قوۋۇرغا گۆش، غولپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى خام-ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان قورۇما بۇلۇپ، تەمى ئۆزگىچە، قۇۋۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كىچىك ھورنان تەييارلاش
كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسىجاۋۇرغا 2 پىيالە ئۇن ئېلىپ بىر چېتىنى ئېچىپ بولدۇرغۇچ <ئېچىتقۇ> سېلىپ ئىلمان سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ يۆگەپ قۇيۇلىدۇ؛ خېمىر بولدۇرۇلۇپ بولغاندا، يۈزىنى تەكشى ئېچىپ، پىيالىگە مۇۋاپىق سۇدا ئېلىپ قايناق سۇدا ئېرىتىپ، خېمىر يۈزىگە سېپىپ مىجىقلاپ سۇدانى تەكشى سىڭدۈرۈپ بولغاندا، ياڭاق چوڭلىقىدا زۇۋلا ئۈزۈپ، نېپىز ئېچىپ قات چىقىرىپ يۆگەپ قاسقانغا تىزىپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۇلىدۇ، پىشقاندىن كىيىن قاسقاندىن ئالسىلا كىچىك قاتلىق ھورنان تەييار بولىدۇ؛
قورۇما تەييارلاش
1. ئالدى بىلەن قوينىڭ قوۋۇرغىسىنى بىر تالدىن ئايرىپ، 3-4 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاناپ قازانغا سۇ ئېسىپ تۇز سېلىپ قوۋرۇغا گۆشىنى سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز؛
2. كۆك-قىزىلمۇچ نى قوۋرۇغا گۆشكە ماس ھالدا توغرىلىدۇ، غولپىيازنى قىيپاچ قىلىپ ئۇزۇنراق توغرىلىدۇ، سامساق، زەنجىۋىل چانىلىدۇ.
3. قازانغا ئاز ماي قۇيۇپ قىزىغاندا، كېسىلگەن قىزىلمۇچ قېقى، سامساق، زەنجىۋىل چانالمىسى، غولپىياز قاتارلىقلار سېلىپ قورۇپ، ئارقىدىن پىشۇرۇلغان قوۋۇرغىنى سېلىپ قورۇلىدۇ؛
4. تۇز، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن تالقىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۆك-قىزىلمۇچلارنى سېلىپ قورۇلىدۇ، ئارقىدىن يېرىم چۈمۈچ شورپا قۇيۇپ، تېتىتقۇ، ئاچچىقسۇ بېرىپ تەمىنى تەڭشەپ، تەييارلىۋالغان كىچىك قاتلىق ھورنانلارنى تەخسە چۆرىسىگە چىرايلىق تىزىپ، ئوتتۇرىغا قورۇمىنى ئۇسۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسى تەييار بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.