باغچى يېزىسى
باغچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باغچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. 1965-يىلى ناھىيە بازىرىدىكى 4-، 5-گۇڭشېسى ۋە تازغۇن 1-گۇڭشې بىرلەشتۈرۈلۈپ باغچى گۇڭشې قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەت بۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەن. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13.5 كىلومېتر.
باغچى يېزىسى كۆلىمى 116 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 19 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىككى مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.6 نى ئىگەللەيدۇ.
باغچى يېزىسى قارمىقىغا قاراشلىق سىرىما كەنتى، يۇقارقى سىرىما كەنتى، تۈگمەنچى كەنتى، خانقۇم كەنتى، باغچى كەنتى، باش بۇچى كەنتى، ياغاچ قالىق كەنتى، ئارقا مەسچىت كەنتى، توپاقلا كەنتى، ئاياغ بۇچى كەنتى، ئېگىزئېرىق كەنتى، يېزىلباغ كەنتى، قاقچى كەنتى، مەسچىت ئالدى كەنتى قاتارلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
باغچى يېزا-كەنىت تەۋەسىدە سازلىق، قومۇشلۇق، بۇلاق قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز، قوناق قاتارلىقلار. چارۋىچىلىقتىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك بېقىش قاتارلىقلار بار. يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش، بىناكارلىق قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.