بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى
بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى بېيجىڭ دىكى چاڭئەن كوچىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، 1959-يىلى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىدىن كىيىنكى پايتەخت بېيجىڭدىكى داڭلىق ئون چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بەرپا قىلىنىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ناماياندىسى، جۇڭگودىكى 56 قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تىنچلىقى، راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنىڭ سىمۋولى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 32000 كۋادرات مېتىر، ئاساسىي بىنا 13 قەۋەت، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 76 مېتىر، مەركىزىي كۆرگەزمە زالى شىمال غا قارايدۇ، لەمپە ياغاچلىرى بىباھا توز تاجىدەك كۆك كاھىشلىق مەزكۇر بىنا ئاپپاق قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل قۇرۇلۇش شەكلى ئۆزگىچە، ھەشەمەتلىك، ئۇلۇغۋار، ھەيۋەتلىك، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان جۇڭگو مىللىي ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان. دۆلەت ئىچى-سىرتىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى چوڭقۇر ياخشى كۆرىدۇ، 1994-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق سايلىغان 50 ئورۇن «مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللىي ئۇسلۇبى بىناكارلىق» بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېڭى جۇڭگونىڭ «بىرىنچى ساراي» ى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيە «دۇنيا بىناكارلىق تارىخى» دەپ نەشر قىلغان؛ 1999-يىلى خەلقئارا ئارخىتېكتورلار جەمئىيىتى 20-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا 20-ئەسىر جۇڭگو بىناكارلىق سەنئىتىدە ئېسىل بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان.
مىللىي مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مىللىي خىزمەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق-تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى مەقسەت قىلىنغان. مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، كىرىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 5 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت بار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىممەتلىك بىباھا گۆھىرى؛ 24 خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ھۆججەت يوشۇرۇنغان ۋە خەنزۇچە كىتابلاردىن 600 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك بار؛ مىللىي خىزمەت نەتىجىلىرى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىيىمى، چالغۇ، مۇزىكا، ھۈنەر-سەنئەت، نىقابى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە ئاساسىي كۆرگەزمىسى» جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىسى»، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بار، 50 كە يېقىن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى بۇ يەردە ئېچىلىدۇ؛ مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل ۋە جۇڭگو-چەت ئەل مەشھۇر مۇزىكا، دراما، ئەلنەغمە قاتارلىق تىياتىرلار قۇيۇلىدۇ؛ مىللەتلەر ئۈن-سىن بۇيۇملىرى نەشر قىلىندۇ؛ مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى نامايەن قىلىنغان . . . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.