ئەرشىلىدەن بازىرى

ئەرشىلىدەن بازىرى

ئەرشىلىدەن بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە،قۇتۇبى ناھىيەسى گە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 311 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئەرشىلىدەن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 311 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 二十里店镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇتۇبى ناھىيەسى
نوپۇسى 15250 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەرشىلىدەن بازىرىئەرشىلىدەن بازىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقىي ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر، غەربى شىخەنزە شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 75 كىلومېتىر، جەنۇبى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي105-تۇەن بىلەن قوشنا، 312-دۆلەت يولى، ئۆلكە تاشيولى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە شىمالى شىنجاڭ تۆمۈر يولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 

ئەرشىلىدەن بازىرىپۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 311 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 248 مىڭ مو، دېھقانلار ئائىلىسى 4681 ئائىلە، نوپۇس 15250 ئادەم. خەنزۇ،ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، جۇاڭزۇ قاتارلىق يەتتە ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

ئەرشىلىدەن بازىرىئەرشىلىدەن بازىرىغا قاراشلىق نىڭجۇخۇ كەنتى، كىچىك تۇخۇل كەنتى، دوڭتەن كەنتى، شىسىخۇ كەنتى، شياتۇگوڭ كەنتى، يۇقىرى تۇگۇڭ كەنتى، سىگۇڭ كەنتى، ئەرشىلىدەن كەنتى قاتارلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت، بىر بازارلىق ئاھالىلەر كومىتېتى، 43 رايون بار. 

ئەرشىلىدەن بازىرىئەرشىلىدەن بازىرى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، قوناق، قوغۇن-تاۋۇز، قىزىلچا، پەمىدۇر قاتارلىقلار. مىليون مو ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى، 10 مىڭ مو پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى، 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بازىسى ۋە 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇلغان، خاس ئورمانچىلىق دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان تۈمەن مولۇق خاس كۆچەت تېرىش بازىسى بۇلۇپ قالغان، ئاساسلىقى موڭغۇلىيە قارىغىيى، ئاق شەمشاد، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، چوڭ يوپۇرماقلىق قارىياغاچ، سېرىق ئەتىرگۈل، يالغان چېتەن، چوكا دەرىخى، كورنۇس چاتقىلى قاتارلىق 80 دىن ئارتۇق دەرەخ  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#