ئەرشىلىدەن بازىرى
ئەرشىلىدەن بازىرى تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە،قۇتۇبى ناھىيەسى گە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 311 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەرشىلىدەن بازىرىئەرشىلىدەن بازىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقىي ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر، غەربى شىخەنزە شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 75 كىلومېتىر، جەنۇبى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي105-تۇەن بىلەن قوشنا، 312-دۆلەت يولى، ئۆلكە تاشيولى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە شىمالى شىنجاڭ تۆمۈر يولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
ئەرشىلىدەن بازىرى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، قوناق، قوغۇن-تاۋۇز، قىزىلچا، پەمىدۇر قاتارلىقلار. مىليون مو ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى، 10 مىڭ مو پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى، 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بازىسى ۋە 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇلغان، خاس ئورمانچىلىق دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان تۈمەن مولۇق خاس كۆچەت تېرىش بازىسى بۇلۇپ قالغان، ئاساسلىقى موڭغۇلىيە قارىغىيى، ئاق شەمشاد، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، چوڭ يوپۇرماقلىق قارىياغاچ، سېرىق ئەتىرگۈل، يالغان چېتەن، چوكا دەرىخى، كورنۇس چاتقىلى قاتارلىق 80 دىن ئارتۇق دەرەخ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.