3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى

3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى

3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولسا، ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولۇپ يۇقىرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى 3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى
ئىنگلىزچە نامى rd-generation3
خەنزۇچە نامى 3G移动通信技术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولسا، ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولۇپ يۇقىرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

3G بولسا، ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (rd-generation3) دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىدا بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى (يەنى: سۈرەت قاتارلىق) يوللىيالايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىمسىز خەۋەرلىشىش بىلەن خەلقئارا ئالاقە تورى قاتارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت.

3G تېخنىكىسى بىلەن 2G تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا، ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش سۈرئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدە بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئەڭ يۇقىرى چۈشۈرۈش تېزلىكى سېكۇنتىغا MB3.6، يوللاش تېزلىكى سېكۇنتىغا kb384 كە يېتىدۇ، ئۇ پۈتۈن يەرشارى تەۋەسىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا سىمسىز كەزمە مۇلازىمىتى، تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش، تېلېفون يىغىنى ئېچىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سىمسىز ئالاقە ئۆلچىمىدىن ئۈچى بولۇپ، بۇلار: جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىنىڭ CDMA2000 تورى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ TD-SCDMA تورى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ WCDMA تورىدىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئىچىدە CDMA2000 بولسا، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى CDMA تورى بولۇپ، جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ، CDMA2000 غا ئۆستۈرگەن. TD-SCDMA تورى بولسا، دۇنيادىكى تۆت يۈرۈش 3G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئارىسىدا، دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولغان خەلقئارا ئۆلچەمدىن ئىبارەت.

3G تور تېخنىكىسى ئەمەلىيەتتە سىملىق تورغا ئوخشاشلا بولۇپ، بىردىنبىر پەرقى سىمسىز مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت، G3 نىڭ ھازىرقى كونكرېت مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. كەڭ بەلباغ تورىغا چىقىش:

كەڭ بەلباغ تورى دېيىلسە، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئائىلە ياكى ئىشخانىدىكى كەڭ بەلباغ تورى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يانفوندا تورغا چىقىش بىلەن كومپيۇتېردا تورغا چىقىشنىڭ ئۇلىنىش پىرىنسىپى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئۇلاشقا ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە (بىرسى يانفون يەنە بىرسى كومپيۇتېر)، ئۇلاش ئۇسۇلى، سۈرئىتى ۋە ھەق ئۆلچىمىدىلا پەرق قىلىدۇ، ئىككىلىسى ئوخشاشلا ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق 

مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە ئۇلىنىپ، بىزنى تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەتتىكى يان تېلېفونلار GSM تورى ئارقىلىق GPRS تورىغا ئۇلىنىپ بىزنى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى كومپيۇتېر غا تەتبىقلاپ كومپيۇتېردا تورغا چىققىلى بولسىمۇ، بىراق سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا، ھەق ئۆلچىمى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭا ئومۇملاشمىغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

ئەمدى 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش بولسا، تېز سۈرئەت، تۆۋەن ھەق ئۆلچىمى بىلەن تورغا ئۇلىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 3G تورىدىن پايدىلىنىپ، يان تېلېفوندا تورغا چىققىلىمۇ، ئوخشاشلا كومپيۇتېر بىلەن تورغا چىققىلىمۇ بولىدۇ، تېزلىكى ئادەتتىكى ADSL بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.

نۆۋەتتە جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى رايونىمىزدا 天翼 ماركىسى ئاستىدا 3G تورى ئارقىلىق كەڭ بەلباغ تورىغا چىقىش كەسپىنى ئاللىقاچان يولغا قويۇپ بولغان بولۇپ، بۇرۇنقى CDMA تورىنىڭ X1 شەكلىدە تورغا ئۇلىنىش مۇلازىمىتى ئاساسىدا كېڭەيتىلگەن. شۇڭا رايونىمىزدا ناھايىتى تېزلا ئومۇملاشقان، ناھىيە، شەھەر دائىرىسى ۋە بىر قىسىم يېزا-بازارلاردا يولغا قويۇلۇپ بولغان. جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىنىڭ 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش كەسپى ئاچقۇزغاندا، بىۋاسىتە يان تېلېفوندا تېز سۈرئەتتە تورغا چىقىشقىمۇ، (بۇنداق يان تېلېفونلار قىممەترەك) بېجىرگەن كارتىنى كومپيۇتېرنىڭ چېتىلىدىغان 3G مودېمغا سېلىپ تورغا چىقىشقىمۇ بولىدۇ. 3G سىگنالى بولمىغان رايونلاردا 1X شەكلىدە تورغا چىقىشقا بولىدۇ (ئەڭ تېز نەزەرىيە سۈرئىتى Kb156 قا يېتىدۇ).

CDMA يان تېلېفونلىرىنىڭ 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش كەسپىنى ئاچقۇزمىغان ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت X1 شەكلىدىلا تورغا چىقىشقا بولىدۇ. بۇ كەسىپ كەڭ بەلباغ تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش شارائىتى بولمىغان چەت جايدىكىلەرگە ماس كېلىدۇ.

2. سۈرەتلىك پاراڭلىشىش:

يانفوندا سۈرەتلىك پاراڭلىشىش بولسا، 3G تور 

تېخنىكىسى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەرنى بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئابۇنت يان تېلېفوننىڭ قوللىشى ئاستىدا، يان تېلېفوندىلا كومپىيۇتېردىكىQQ, MSN لارغا ئوخشاش قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاسىتە سۈرەتلىك پاراڭلىشالايدۇ. نۆۋەتتە رايونىمىزدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 沃 ماركىسى ئاستىدا سۈرەتلىك پاراڭلىشىش كەسپى ئېچىلدى.

3. يان تېلېفوندا تېلېۋىزور كۆرۈش:

بۇ خىل مۇلازىمەتتە، ئابۇنت يان تېلېفون ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، يان تېلېفوندا بىۋاسىتىلا تېلېۋىزور كۆرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، سىگنال قوبۇل قىلىشقا 3G تورىنى ئىشلەتكەچكە، سۈرەت ئۈنۈمى ئادەتتىكىADSL  دا كىنو كۆرگەنگە ئوخشاشلا بولىدۇ. يان تېلېفونغا نىسبەتەن ئالاھىدە تەلەپ يوق بولۇپ، نۆۋەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلار ئۈچۈن، تور تېلېۋىزىيەسى يۇمشاق دېتالىنى تارقاتتى. مەزكۇر دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن، تور شارائىتى قوللىغان ئاساستا يان تېلېفوندا بىۋاسىتە تېلېۋىزور كۆرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

يۇقىرىقى كەسىپلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 3G تور تېخنىكىسى بىزنى يىراق يېزىدا تورغا چىقىش، يىراقتىكىلەر بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلىشىش، يان تېلېفوندا تېز سۈرئەتتە تورغا چىقىش شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ. دۆلىتىمىز ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان TD-SCDMA تور بولسا، تېخىمۇ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇپ، بىزلەرنى زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلغۇسى، ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىرتقى دۇنيا بىلەن يېقىنلاشتۇرغۇسى…

ئۈچ شىركەتنىڭ ئۈچ خىل 3G كەسىپلىرى ھەققىدە شىركەت تورىغا كىرسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايسىز.

جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىنىڭ 天翼 كەسپى:

http://xj.ct10000.com/esurfing/overview

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 3G كەسپى:

http://www.xj.10086.cn/3G

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 沃 كەسپى:

http://3g.10010.com

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىنغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#