ئارمادىل

ئارمادىل

ئارمادىل «قالپاقلىق چاشقان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارمادىل ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمان، ئوتلاق، يېرىم چۆل-باياۋان ۋە ئىللىق بولغان تەكشى يەر ۋە ئورماندا ياشايدىغان بىر خىل يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان.

ئۇيغۇرچە نامى ئارمادىل
ئىنگلىزچە نامى Armadillo
تەۋەلىكى ھايۋانات دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئارمادىل ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 犰狳
تارقالغان رايونلار ئامېرىكا قىتئەسى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى قاسىراقلىقلار
ئۇرۇقداشلىرى يالىڭاچ قۇيرۇقلۇق ئارمادىل، يۇمىلاق باش كىچىك ئارمادىل، تۈكلۈك ئارمادىل، پاكار ئارمادىل، ئارمادىل، ئالتە سىزىقلىق ئارمادىل، چوڭ ئارمادىل، ئۈچ سىزىقلىق ئارمادىل، كىچىك ئارمادىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارمادىلئارمادىل «قالپاقلىق چاشقان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارمادىل ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمان، ئوتلاق، يېرىم چۆل-باياۋان ۋە ئىللىق بولغان تەكشى يەر ۋە ئورماندا ياشايدىغان بىر خىل يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان، ئارمادىل ئائىلىسىدە جەمئىي: يالىڭاچ قۇيرۇقلۇق ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، يۇمىلاق باش كىچىك ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، تۈكلۈك ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، پاكار ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، ئالتە سىزىقلىق ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، چوڭ ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، ئۈچ سىزىقلىق ئارمادىل ئۇرۇقدىشى، كىچىك ئارمادىل ئۇرۇقدىشى قاتارلىق 9 ئۇرۇقدىشى ۋە 21 خىلى (بىر ئۇرۇقداشقا تەۋە بىر خىل نەسلى قۇرۇپ كەتكەن) بار. ئىنسانلاردىن باشقا، بىردىنبىر ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيىسى ئېلىپ يۈرىدىغان ھايۋان.

ئارمادىل، بىر خىل كىچىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، چۈمۈلىخور ۋە لېنىۋېتس بىلەن يېقىن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بار، دۇبۇلغا بىلەن ئوخشاش سۆڭەك قاسىرىقى بىلەن ئۆزىنى قوغدايدۇ. كۆپ ساندىكى ئارمادىل تۈرلىرىنىڭ بېشى، بەدىنى، قۇيرۇقى ۋە پۇتى سىرتقى تەرىپى سۆڭەك قاسىرىقى بىلەن قاپلانغان، بۇ بىر قەۋەت سۆڭەك قاسىرىقى تېرىگە چوڭقۇر كىرگەن، نېپىز مۈڭگۈز ماددا تەشكىلىي بىلەن قاپلانغان. بېشى، ئالدىنقى بۆلىكى ۋە كېيىنكى يېرىم قىسمىنىڭ سۆڭەك قاسىرىقى ئايرىلغان. تېنىنىڭ ئوتتۇرا سۆڭەك قاسىرىقى بەلۋاغسىمان ھالەتتە قاتلاش، جانلىق بولىدۇ. بەدەندىكى كۆمۈرچىكى يوق يەردە ئۇزۇن شالاڭ تۈك بار. ئارمادىلنىڭ كىچىك قۇلىقى ۋە ئۇزۇن ئۇچلۇق تۇمشۇقى بار. ئالدى پۇتى ئۈستىدىكى كۈچلۈك تىرناقلىرىنى ئىشلىتىپ ئورەك كولايدۇ. 

چوڭ ئارمادىلنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر، قۇيرۇق قىسمى 51 سانتىمېتىر. ئۇ قۇيرۇقىنى تىرەك قىلىپ كاسسىسىدا ئولتۇرالايدۇ. ھال رەڭ تۈكلۈك ئارمادىل ياكى كىچىك ئارمادىل بولسا ئەڭ كىچىك بىر خىل ئارمادىل بولۇپ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن ئالتە ديۇيم (15 سانتىمېتىر)، ئاقۇش رەڭدە، ئۇنىڭ دۇبۇلغىسى باشقا تۈردىكىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، دۇبۇلغىسى پەقەت باش ۋە گەۋدە قىسىمىنى قاپلىغان. ئۈچ سىزىقلىق ئارمادىل ئۆزىنى توپ شەكلىگە كەلتۈرۈپ ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ.

ئارمادىلتوققۇز سىزىقلىق ئارمادىل ئامېرىكىدا بايقالغان بىردىنبىر تۈر، ئاساسىي تۇرمۇشى شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى تېكساس شتاتىدا. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 فۇت (76.2 سانتىمېتىر). چىشى ئارمادىل ئادەتتە ھەر يىلى باھاردا ئوخشاش ئۇرۇقلۇق تۆتكېزەك تۇغىدۇ.

قۇرۇلما جەھەتتە ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، بوغۇمىدىكى قاسىرىقى مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل سۆڭەك ماددىسىدىن تەركىپ تاپقان قاسىرىقى يەنە مۈڭگۈز ماددىلىق ئېپىدېرما بار. تېنىدە ھەرخىل پاسوندىكى قاسىراق شەكىللەنگەن، لېكىن ئادەتتە بىر باشلىق ياكى بىر قاتار بويۇن قىسمى ۋە بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى قوغداش قالقىنى بار. قورسىقى ۋە تۆت قالقان تاختا ئارىسىدىكى يۇمشاق تېرە ئۈستىدە شالاڭ تۈكى بار. بەزى تۈرلىرى تۈگىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پۇت-قول ۋە قورساق قىسمىنى قوغدايدۇ. چوڭ ئارمادىل ئەڭ چوڭ تۈر، ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام، ئەڭ كىچىكى كىچىك ئارمادىل بولۇپ ئېغىرلىقى 120 گىرام. باش سۆڭىكى ئۇزۇن ھەم دۈمبە، قورساق بىر قەدەر تەكشى.

قىسمەن چىشلىرى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يوقاپ كەتكەن. بارلىق ئارمادىلنىڭ پۇت قوللىرى ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، ئالدى-كەينى پۇتلىرى چوڭ ھەم گال تىرنىقى بار. تاشقى شەكلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسىنىڭ ئالدى-كەينى پۇتلىرىنىڭ ھەممىسى بەش بارماقلىق، ئارقا پۇتى ئادەتتە پۇتلۇق مېڭىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئارمادىل بولسا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ، ئاساسلىقى ئورمانلىقتا، يايلاق ۋە قۇملۇقلاردا ياشايدۇ. ئارمادىل ئائىلىسى ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پەقەت ئېشىپ قالغان ئارمادىل بىر ئائىلە. ئارمادىلنىڭ جەمئىي توققۇز ئۇرۇقدىشى ۋە 21 خىلى (بىر ئۇرۇقداشقا تەۋە بىر خىل نەسلى قۇرۇپ كەتكەن) بار.

ئارمادىلزوئولوگلار، قاسىرىقىنىڭ ھالقىسىمان سانىغا ئاساسەن، بۇ غايەت زور ھايۋان جەمەتىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە: ئۈچ بەلۋاغلىق ئارمادىل، ئالتە قالقانلىق ئارمادىل، توققۇز پارچە قاسىراقلىق ئارمادىل قاتارلىقلارغا بۆلگەن. مەسىلەن ئۈچ بەلۋاغلىق ئارمادىل ئاييون بەلبېغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قالپاقنىڭ قارىغۇ چاشقان، تۈكسىز قۇيرۇق ئارمادىل، جەنۇبىي ئامېرىكا كىچىك ئارمادىل، تۈكلۈك ئارمادىل قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل پادىشاھ ئارمادىل (چوڭ ئارمادىل) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، ھەتتا بىر چوشقىنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭ بولۇپ، ئارمادىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈرى.

ئارمادىلئارمادىللار كەم چىشلىقلار ئەترىتىدىكى سانى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان بىر ئائىلىسى. 8 ئۇرۇقداشى ۋە 20 خىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمىنى، ئوتلاق، يېرىم چۆل-باياۋان ۋە ئىللىق بولغان تەكشى يەر ۋە ئورمانلارغا تارقالغان. ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى (بوتسىۋانا)دىمۇ پەيدا بولغان.

ئۇلار ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئوتلاق ۋە ئورمان ئىچىدە ياشايدۇ.

كۆپ ساندىكى ئارمادىل تۈرى، كۈندۈزى غارنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ، كېچىسى چىقىپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ئاق چۈمۈلە، چۈمۈلە، يىلان، چىرىگەن گۆش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ.

كەم چىشلىقلار ئەترىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئارمادىلنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە ھەرىكەتىنىڭ پەرقى يوق. كۆپ ساندىكى تۈرلىرى ئاساسەن ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، لېكىن بەزىدە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ۋە كىچىك تىپتىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنى يەيدۇ، يەنە بىر ئاز ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 ~ 100 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 ~ 50 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرامدىن ئارتۇق، يۇقىرىقى گەۋدىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە تۆت مۈچىسىنىڭ سىرتقى تەرىپى دائىم سۆڭەك قاسىرىقى ۋە تەڭگىسىمان پەردە بىلەن قاپلانغان، كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان دۇبۇلغا بىلەن قوغدىنىدۇ، بۇ دۇبۇلغا بىرقانچە ھەرىكەتچان توغرىسىغا بۆلۈنگەن ئالدى-كەينى ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن، ئېلاستىك تېرە بىلەن تۇتاشقان، بەدىنىنى تۈگۈپ شارسىمان ھالەتتە قىلالايدۇ، كۈشەندىسىنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، قۇلىقى كىچىك. تىلىنى قىسقارتىپ ئۇزارتالايدۇ، ئالدى پۇتىدا 3 ~ 5كىچە بارمىقى بولىدۇ، تىرنىقى ئەگرى، كۈچلۈك، كەينى پۇتىدىمۇ 5 بارماق ۋە پەنجىسى بار. چىشى ئۇششاق، مىخ شەكىللىك، ئۆمۈر بويى ئۆسىدۇ. 

ئارمادىلئارمادىلنىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بىر جۈپ تەڭگىسىمان ساۋۇتى بار. دەل بۇ ساۋۇتى تۈپەيلى ئىسپانىيە ئىستىلاچىلىرى «ساۋۇتلۇق چوشقا» دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيەلىكلەر ئوتتۇرا ئامىرىكا قىتئەسىدە رەھىمسىز خالىغانچە قىرغىن قىلغا دەۋردە، ئۇلار دائىم ئازتېك قەبىلە ئىچىدىكى ئۇششاق كەنتلەردىكى بازاردا ئارمادىلنىڭ گۆشى بەدىلىگە كاكائو ئۇرۇقى ئالماشتۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار ئارمادىلنىڭ گۆشىنىڭ ئىنتايىن مەززىلىك ئىكەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلغان.

كىشىلەر يەنىلا ئارمادىلنى ئوۋلاپ، گۆشىنى يىگەن، قاسىرىقىدىن گار چەمبىرى ياسىغان، لېكىن ئارمادىل ئاساسلىقى يەنىلا پەن-تەتقىقات ئوبيېكتى گېنېتىكىسى تەتقىق ۋە ئېمبرىئولوگىيە سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئالىملار ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئۈزۈل كېسىل يوقىتىشنى ئىسپاتلاش جەرياندا، ئارمادىل مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. 

ئارمادىل بولسا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ھايۋان، ئاساسلىقى ئورمانلىق، يايلاق ۋە قۇملۇقلاردا ياشايدۇ.

ئارمادىل بىر يىلنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا كۆپىيەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىمدا ھەممىسى 4كىچە بالىلايدۇ. توققۇز سىزىقلىق ئارمادىل بولسا تۆشۈك تېشىش ماھىرى. قاتتىق يەر ئىچىدە ئىككى مىنۇتتىلا كۆزدىن غايىپ بولالايدۇ، كۆپ قىسىم ئارمادىل غارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئارمادىل بەك ھەيۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كىچىكىدىنلا قورقۇنچاق، كۈشەندىگە ئۇچىراپ قالسا ئۆڭكۈر ئىچىگە بۈكىۋالىدۇ، ئەگەر ئۈلگۈرەلمەي قالسا، تۈگۈلۈپ بەدىنىنى قاتتىق قاسىرىقى ئارقىلىق قوغدايدۇ،

ئارمادىل جەنۇبىي يېڭى قۇرۇقلىقىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلات ھايۋاناتى، تۇرىقى ئىنتايىن ئۆزگىچە، ئۇ بىر غاردا ياشىغۇچى ھايۋان بولۇپ، يەر ئاستىدا ئۆڭكۈر كولاپ ماكانلىشىدۇ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇۋېلىپ كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ. 

ئارمادىل ھەممىسى شۇ يەردە ياشايدۇ، كېچىسى ھەرىكەتلىنىدىغان ھايۋانلار تەۋە، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇۋېلىپ كېچىسى چىقىپ ئوزۇق تۇتىدۇ، كۆپىنچە قوڭغۇز، سازاڭسىمان مەددە قۇرۇت، ئاق چۈمۈلە، قارا چۈمۈلە، سېرىق چېكەتكە، يۈگۈرۈك كەسلەنچۈك، قۇش تۇخۇمى، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى، يىلان تۈرىدىكىلەرنى يەيدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئارمادىل سېسىپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ جەسىتىنى يېيىشكە بەك ئامراق،  يايلاق تا قەيەردە كالا، ئات ئۆلۈپ قالسا ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ چىرىگەن جەسەتى بولسا شۇ يەردە ئارمادىل تۆشۈك بار بولىدۇ، ئۇلار بۇ يېمەكلىكلەرگە ئاسانلا ئېرىشىدۇ. 

كۈندۈزدە ئارمادىل تەبىئىي شەكىللەنگەن ئۆڭكۈر ياكى ئۆزى قازغان ئۆڭكۈر ئىچىدە تۇرىدۇ، ئۆڭكۈر تار، كەسمە يۈزى يۇمىلاق، دىئامېتىرى تەخمىنەن 10 ~ 8 دىيۇم، بەزىدە 25 ئىنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتا. ئادەتتە ئۆڭكۈرى بىر نەچچە تارماق بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئاخىرلىشىش نوقتىسى بىر ئۇۋا بولىدۇ. ئۇۋىسى ئىچىگە يۇمشاق دەرەخ يوپۇرماقلىرى ۋە ئوت-چۆپلەر ياتقۇزۇلغان. بىر قابىل ئارمادىل بىر قانچە ئۆڭكۈر تېشەلەيدۇ، ھەر بىرىنىڭ يەنە بىر قانچە چىقىش ئېغىزى بولىدۇ. بۇ كامارنىڭ چىقىش ئېغىزى دەرەخ يىلتىزلىرى ئارىلىقىدا، قۇرۇق دەرەخ غولى ياكى تۈۋىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.

ھاشاراتلار ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش تەلىپنى قاندۇرالمىغان چاغدا، ئارمادىلنىڭ پەقەت ئوزۇقلۇق ئىزدەش ۋاقتى ئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا كۈندۈزىمۇ چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئارمادىلئەركەك ئارمادىل ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ياشايدۇ. ياز پەسلىنىڭ ئاخىرى چېتىشىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، ئەركەك ئارمادىل چىشى جورا ئىزدەشكە باشلايدۇ. چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ھەرقايسىسى ئۆز يولىغا ماڭىدۇ. چىشى ئارمادىلنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە. بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ناھايىتى تېزلا بۆلۈنۈپ مۇستەقىل بولغان ئىككى تۇخۇم بولىدۇ، ئاندىن يەنە بۆلۈنۈپ مۇستەقىل تۆت تۇخۇم بولىدۇ. تۆت ئۇرۇقلانغان تۇخۇم قىلچە پەرقى يوق خروموسوم قۇرۇلمىسىدىغا ئىگە بولىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ خىل بۆلگۈنچىلىك، ئۇلار بالىياتقۇ تۇخۇم نەيچىسى ئىچىگە ئۈزۈپ، بىر ئاي ئەتراپىدا كىرىدۇ. ئادەتتە بىر قېتىمدا تۇغۇلغان كىچىك ئارمادىل ئوخشاش جىنىستا بولىدۇ. بۇ ھادىسە ئالىملارنىڭ، قانداق ھايۋاننىڭ بىر گۇرۇپپا گېن ئەۋلادىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىش تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن تېمىسىدىكى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

كىچىك ئارمادىل ھەر يىلى 3-ئايدا ياكى 4-ئايدا تۇغۇلىدۇ، ئۇ چاغدا ھاشارات يېمەكلىك مول. تۇغۇلغان كىچىك ئارمادىل بەدەننىڭ يېتىلىشى بىر قەدەر مۇكەممەل بولىدۇ. باشقا جەھەتلەردىن، بەدەننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قۇرامىغا يەتكەن ئارمادىل بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قاتتىق قاسىراقلىرى يۇمشاق بولۇپ، ئاسان ئېگىلىدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قاتىدۇ. تۇغۇلۇپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، كىچىك ئارمادىل كېچىدە ئانىسى بىلەن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئىككى ئايدىن كېيىن كىچىك ئارمادىل سۈتتىن ئايرىلغان چاغدا ئۆزلىرى سىرتقا چىقىپ ئۆزىنىڭ زېمىنىنى قۇرىدۇ. كىچىك ئارمادىل ئىككى، ئۈچ يىلدا خېلىلا پىشىپ يېتىلىدۇ، ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالمىسىلا، ئۆمرى ئادەتتە 10 ~ 15 يىل بولىدۇ.

ھايات قېلىش ئۈچۈن، ئارمادىل ئۇچىسىدا دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىدىغان قاسىرىقىدىن باشقا، يەنە ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغان بولۇپ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ كېچىسى ھەركەتلىنىپ ياشايدۇ، تەبىئەت دۇنياسىدا تەبىئىي ئۆڭكۈر قاتارلىق پايدىلىق ئادىتى شەكىللەنگەن.

قويۇق چاتقال، چىملىق، قاقاس دالا ماكانى بولىدۇ، ئادەتتە يەنە بىر تېيىز كۆلچەك ياكى پاتقاق ئازگىلىنى بەدەن يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆمىلەپ مېڭىش جەريانىدا، ئارمادىل توك قاشادىن ھالقىپ ئۆتىدۇ، تېيىز سۇدىن كېچىپ ئۆتىدۇ. ئەگەر دەريا بىر قەدەر تار بولسا، ئارمادىل چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ، سۇ ئاستىغا كىرىپ دەريانىڭ تېگىدىن قارشى قىرغاققا يامىشىپ چىقالايدۇ. ئەگەر دەريانىڭ كەڭلىكى كەڭ بولسا، ئۇ ھاۋا سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئاشقازان-ئۈچەيلىرىنى كۆپتۈرۈپ ئاندىن ئۈزۈپ ئۆتىدۇ.

ئارمادىلئارمادىل، ھەر خىل گۆشخور كۈشەندىسىنىڭ تۇتىشى تۈپەيلى ئۆلۈپ كىتىدۇ، بۇ خىل كۈشەندە ئىتنى، ئامېرىكىنىڭ تاغ مۈشۈكى، ئېيىق بىلەن بۆرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ئارمادىل ئەتراپىدىكى دەرەخزارلىق قاراپ قويۇق شاخلىرىنى توساق قىلىدۇ ياكى بىر زىچ بولغان شار شەكىللىك جىسىمغا ئۆزگىرۋالىدۇ. ئەگەر بىر ئىككى مىنۇت ۋاقىت بولسىلا ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۆڭكۈر ئىچىگە يۇشۇرنىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلغۇچى ئاساسەن ئۇنى تارتىپ چىقارالمايدۇ.

لېكىن، ئارمادىلنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى يەنىلا ئادەم ۋە قاتناش بولۇپ قالدى. ئۇ تۇغما يېقىننى كۆرەلمەيدۇ، تاشيولدا ئۆلۈك ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىش ئۈچۈن ئىزدەيدۇ، شۇڭا ئۇ دائىم تاشيولدا پەيدا بولىدۇ. ئارمادىلدىكى «تەبىئىي چۆچۈش ئىنكاسى» بىلەن ئارمادىل بىر چۆچۈسىلا، شۇنىڭ بىلەن ئېگىزگە سەكرەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئاستى قىسمىغا سوقۇلۇپ كېتىدۇ.

ئارمادىلزوئولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن، ئارمادىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئەترىتىدىكى ئەڭ مۇكەممەل تەبىئىي مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مۇداپىئە ۋاسىتىسى يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ : «بىرىنچى قېچىش، ئىككىنچى توسۇش، ئۈچىنچى نىقابلىنىش».

«قېچىش»، يەنى قاچقان سۈرئىتى كېشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەھۋالى خەتەرلىك بولغاندا، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆز بەدىنىنى قۇم، توپىغا يوشۇرىۋالىدۇ. ئۇ ئۇنىڭ پۇتى قىسقا، توپا قېزىش ئورەك كولاش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇ تۆشۈك تېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز.

«توسۇش»، تۇپراق تۆشۈككە قېچىپ كىرۋالغاندىن كېيىن ئارمادىل قۇيرۇق قالقىنى ئارقىلىق كامار ئاغزىنى ئىچىدىن توسۇۋالىدۇ. خۇددى قالقان قىلىۋالغانغا ئوخشاش، دۈشمىنى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

«نىقابلىنىش»، دەل يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈگۈلۈش ئۇسۇلى، پۈتۈن بەدىنىنى تۈگۈپ شار شەكلىگە كەلتۈرۈپ، بەدىنى ھەر تەرەپتىن ساۋۇت بىلەن قورشايدۇ، كۈشەندىلىرى چىشلەي دېسىمۇ قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەيدۇ.

ئارمادىل2012-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى (AFIF) ۋە برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى بىرازىلىيە يەر شارى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كەچلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رەسمىي پىراگىرممىدا 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قۇت بەلگىسى-ئارمادىل ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇت بەلگىسىنىڭ ئىسمى: Fuleco ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#