راۋېنا تەندون
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نادىر فىلىملىرى ئارقىلىق كىنو مەستانىلىرىگە تونۇشلۇق بولغان ھىندىستان «بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ ساھىبجامال ئارتىسى راۋېنا تەندون 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ھىندىستاننىڭ ماخاراشترا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بومبايدا بىر كىنو سېنارستى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئاتىسىنىڭ ئىسمى راۋى تەندون بىلەن ئاپىسىنىڭ ئىسمى ۋېنانىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. ئۇ رول ئالغان خېلى نۇرغۇن فىلىملەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بومبايدىكى جامناباي نارسې مەكتىپى ۋە مىتىباي ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئۇ مىتىباي ئىنىستۇتىدا ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ بىر پىراكتىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېژىسسور شانتانۇ شېئورېينىڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن 1991-يىلى تۇنجى فىلىمدە رول ئالغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئوقۇشتىن چېكىنىپلا، كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرىشنى قارار قىلغان.
راۋېنانىڭ ئاتىسى 20-ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرىدا تازا دەۋر سۈرگەن رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى ئىدى، ئۇنىڭ يەنە راجىۋ تەندون ئىسىملىك بىر ئاكىسى بولۇپ، «بوللىۋود»نىڭ بىر قىسىم فىلىملىرىدە رول ئالغان. ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسى كىران راتود جەنۇبىي ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ تونۇلغان ئارتىسى، يەنە بىر نەۋرە سىڭلىسى رېشما سىنگ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى، ئۈچىنچى نەۋرە سىڭلىسى ۋىشال سىنگ خېلى تونۇلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى.
راۋېنا تەندون ھازىرغا قەدەر 80 گە يېقىن فىلىمدە رول ئالغان.
1991-يىلى، راۋېنا تەندون «بوللىۋود»نىڭ داڭلىق ئارتىسى سالمانخان بىلەن «گۈل ۋە تاش» ناملىق فىلىمدە بىرگە رولغا چىققان، بۇ فىلىم ئەينى يىللىرى راۋۇرۇس ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ فىلىم ئارقىلىق ھىندىستان «كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى»نىڭ «يېڭى شەخس مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
1994-يىلى، راۋېنا تەندون «خەتەرلىك مۇناسىۋەت» ۋە «بوللىۋود»نىڭ داڭلىق ئارتىسى ئاجەي دېۋگان باش رول ئالغان «دىلۋالى» ناملىق فىلىم، سەيىف ئەلى خان، سۇنىل دېئول (ئاسىل مېرا) باش رول ئالغان «ئۈزۈلمەس رىشتە» ناملىق فىلىم ۋە «راست-يالغان» دېگەندەك بىر قاتار فىلىملەردە رول ئېلىپ زور زىلزىلە قوزغىغان. شۇ يىلى يەنە ئانىل كاپور بىلەن ئەينى دەۋردىكى «بوللىۋود خانىشى» سرىدېۋى ئايياپان باش رول ئالغان «زوراۋان قىز» ناملىق فىلىمدە شىركەتنىڭ كاتىپىنىڭ رولىنى ئالغان، گەرچە بۇ فىلىمدە ئۇنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، يەنىلا ھىندىستان «كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى»نىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال قوشۇمچە رول مۇكاپاتى»نىڭ نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «خەتەرلىك مۇناسىۋەت» ناملىق فىلىم ئەينى يىلى غايەت زور بېلەت كىرىمى ياراتقان فىلىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلى ئۇنىڭ تەلىيى كەلگەن بىر يىل دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ قانداقلار بىر فىلىمدە رول ئالسىلا، تالايلىغان مەستانىلىرىنى قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، راۋېنا تەندون «راست-يالغان» فىلىمىدىكى يەنە بىر ئايال باش رول كەرىشما كاپور بىلەن فىلىم مەيدانىدا ئۇرۇشۇپ قالغان، فىلىمدىكى ئىككى ئەر باش رول ئايرىم-ئايرىم ئامىرخان بىلەن سالمانخان ئىدى. 1995-يىلى، راۋېنا تۇنجى قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان شاھرۇھخان بىلەن «ئەسەبىي دۇنيا» ناملىق فىلىمدە بىرگە رولغا چىققان، لېكىن بۇ فىلىم تازا ئۇتۇقلۇق بولماي قالغان. ئۇ رولغا كېيىنكى بىر نەچچە فىلىممۇ تازا ياخشى بېلەت كىرىمى يارىتالماي قالغان. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىشلىرى شۇنچىلىك راۋاج تېپىۋاتقاندا پەسكويغا چۈشۈشكە باشلىغان. ئۇ 1996-يىلى «Khiladiyon Ka Khiladi» ۋە 1997-يىلى «ھالاكەت گىردابىدا» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ ئىلگىرى يوقىتىپ قويغان شان-شۆھرىتىنى قايتا تىكلىگەن، بۇ ئىككى فىلىم شۇ يىللىق ئەڭ ئالقىشلانغان فىلىملەردىن بولۇپ قالغان. 1997-يىلى، ئۇ «دۇس ئالاھىدە ساقچى گۇرۇپپىسى» ناملىق بىر فىلىمدە تۇنجى قېتىم سەلىبىي رول ئالغان، بىراق بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى فىلىم ئىشلىنىپ تەڭ يېرىمىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان، شۇنىڭ بىلەن فىلىممۇ ئىشلەنمەي توختاپ قالغان.
1998-يىلى، راۋېنا تەندون جەمئىي سەككىز فىلىمدە رول ئالغان. شۇ يىلى رول ئالغان ئاخىرقى بىر فىلىمى شۇ يىللىق 2-چوڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان فىلىم بولۇپ قالغان، فىلىمدە ئۇ «بوللىۋود»نىڭ مۆتىۋەر ئارتىسى ئامىتاب باچچان، گوۋىندالار بىلەن بىرگە رول ئالىدۇ. راۋېنا شۇ يىلى شاھرۇھخان، ئامرىش پۇرى باش رولغان «قانلىق قىساس» ناملىق فىلىمدە ئايال باش رولغا تەكلىپ قىلغان، لېكىن ئۇ رولغا چىقىشنى رەت قىلغان. بىراق بۇ فىلىم شۇ يىلى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى فىلىم بولۇپ قالغان. تەقدىر ئىلاھى مانا مۇشۇنداق غىل-پال قىلىپلا ئۆتۈپ كەتكەن. ئاشۇ يىلى، ئۇنىڭ باشقا فىلىملىرى ئوتتۇراھال سەۋىيەدە ماڭغان.
راۋېنا تەندون21-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، راۋېنانىڭ ئىشلىرى كەسىپلىشىشىكە قاراپ ماڭغان. ئۇ بىر قىسىم ئۇسلۇبى ئۆزگىچە رېژىسسورلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، رول ئېلىشتا يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلىگەن. ھەقىقەت ئىسپاتلىدىكى، بۇ راۋېنانىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 1999-يىلى ئىشلەنگەن «ھەققانىيەت»، 2000-يىلى ئىشلەنگەن «بۇلاندى»، 2001-يىلى ئىشلەنگەن «aks» قاتارلىق فىلىملىرى ئىنتايىن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. داڭلىق رېژىسسور راكېش ئومراكاش مېھرا ئىجرائىيە رېژىسسورلۇق قىلغان، راۋېنا تەندون رول ئالغان «aks» ناملىق فىلىم ھىندىستان «كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
2001-يىلى، راۋېنا تەندون كەسىپتە بىر يۇقىرى پەللە ياراتقان. ئۇ شۇ يىلى باش رول ئالغان «دامان: بىر نىكاھ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغۇچى» ناملىق فىلىم ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان زارىقىپ كۈتكەن ھىندىستان «دۆلەتلىك كىنو مۇكاپاتى»نىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ فىلىمدە ئېرىنىڭ خورلىشىغا، ئۇرۇپ-دۇمبالىشىغا دۇچار بولغان ئايالنىڭ رولىنى ئالغان.
ئۇ بۇ فىلىمدىكى رول ئېلىش ماھارىتى كىنوچىلىق ساھەسىدىكى بارلىق ئوبزورچىلارنىڭ ۋە تاماشىبىنلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. كىنو ئوبزورچىسى تاران ئادارش مۇنداق دەيدۇ: «راۋېنا تەندون بۇ فىلىمدە بىر خورلانغان ئايالنىڭ رولىنى ئۇتۇقلۇق يارىتىپ، كىشىلەرگە ھەقىقىي، چىن بىر ئوبرازنى نامايان قىلدى، ئۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشىشكە ھەقلىق. ئۇ ئۆزىنىڭ رول ئېلىش تالانتى ئارقىلىق ھەقىقىي قايغۇ-ھەسرەتنى ئىپادىلەپ بەردى، ئۇ بىر قالتىس سەنئەتكار.»
ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، راۋېنا تەندون رول ئالغان فىلىملەر ئاساسەن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئىشلەنگەن «ساتتا»، 2004-يىلى ئىشلەنگەن «دوبارا» دېگەن بىر مۇنچە فىلىملىرى يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكەن فىلىملەردۇر. بەزىلەر مۇنداق دېيىشىدۇ: راۋېنا ياراتقان ئوتتۇراھال ئائىلىلەردىكى ئاياللار ئوبرازى، ئۇنىڭ تەسىرى پۈتكۈل سىياسىي ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كىنو ئوبزورچىسى تاران ئادارش مۇنداق دەيدۇ: «راۋېنا ياراتقان ئوبرازلار كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. بۇ ئايال ئارتىس بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكتيور بولۇش سۈپىىت بىلەن، يەنىمۇ يۈكسىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشنى تاپالايدۇ.» ئۇ «دوبارا» ناملىق فىلىمدە روھى چۈشكۈن بىر بىمارنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، بىر ئوبزورچى مۇنداق باھا بەرگەن: «راۋېنانىڭ ھېسسىياتى ھەمىشە ئۆزى ياراتقان ئوبراز بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان بىر تەرەپ.» ئۇ 2003-يىلى ئىشلەنگەن «ستامپېد» ناملىق فىلىم بىلەن 2005-يىلى ئىشلەنگەن «رېئالىققا يۈزلىنىش» ناملىق فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولغان. ئۇ 2006-يىلى «ساندۋىچ» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان، بۇ فىلىم دېگەندەك ياخشى باھالارغا ئېرىشەلمىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كىنو مۇنبىرىدىن بارا-بارا يىراقلىشىقا باشلىغان.
2012-يىلى، ئۇ كەسىپ ئۆزگەرتىپ رىياسەتچى بولۇپ، مەخسۇس تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان.
2003-يىلى، راۋېنا تەندون ھىندىستان بالىلار كىنو جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئەمما 2004-يىلىدىن باشلاپ، ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەشكىلاتنىڭ يىغىنىغا ۋە باشقا پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىغانلىقىنى پاش قىلغان. 2005-يىلى 9-ئايدا، راۋېنا شەخسىي سەۋەبلەر بىلەن بۇ ۋەزىپىدىن ئىستېپا بەرگەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.