دولان يېزىسى

دولان يېزىسى

دولان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان،ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 15.8 كۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى دولان يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 15.8 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 多浪乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 7447 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دولان يېزىسىدولان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر، شەرقتە خېڭفىڭ شىركىتى، جەنۇبىي تەرىپى ئاۋات ناھىيەسى ناھىيە بازىرى، غەربتە تامتوغراق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بەشئېرىق بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزا قارىمىقىدا تۆت مەمۇرىي كەنت، 17 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار؛ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 15.8 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر 26 مىڭ مو، ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 1560 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 7447 ئادەم. مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە.

دولان يېزىسىدولان يېزىسى قارىمىقىدا تۆت ئاھالە كومىتېتى بار: ئۈستۈنكى دولان كەنتى، توغراقمازار كەنتى،كىچىك بەشئېرىق كەنتى، سەككىز ئوتاق كەنتى.

دېھقانچىلىق 

دولان يېزىسى2005-يىلى دولان يېزىسى بويىچە 15 مىڭ مو كېۋەز تېرىلغان، بىرلىك مەھسۇلاتى 300 كىلوگرام، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2800 يۈەن بولغان. 2010-يىلى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 17000-15000 مو ئارىسىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقى كىرگۈزۈپ، پەن-تېخنىكا سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، ئاساسىي ئوغۇت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، ئېتىز-ئېرىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، كېۋەزنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پاختىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 20 كىلوگرام ئاشۇرۇپ، 2010-يىلىغىچە بىرلىك مەھسۇلاتى 400 كىلوگرامغا يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4300-3500 يۈەنگە يېتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ %37 نى ئىگىلىگەن. 

باغ-ئورمانچىلىق

دولان يېزىسىدولان يېزىسى چىلان ۋە ياڭاق ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مېۋە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، نەشپۈت، شاپتۇل، ئۆرۈك، ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بەرگەن. چىلان كۆلىمى 1000 مو، ياڭاق 1900 مو غا يەتكەن، 2010-يىلغا بارغاندا چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 9000 موغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى تېرىلغۇ كۆلىمى 1600 مو ئاشقان؛ ئىچكىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك چىلان سورتىنى كىرگۈزۈپ، مېۋىلىك دەرەخنى ئۇلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ۋە كۆچەتخانا يېتىشتۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. باغۋەنچىلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

دولان يېزىسى دولان يېزىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك « مەدەنىي ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى »؛ ۋىلايەتلىك « ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى»، «كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن »، « پىلانلىق تۇغۇت ‹ئۈچنى ئاساس قىلىش› خىزمىتىدىكى لاياقەتلىك يېزا »؛ شۇنىڭدەك ناھىيە » مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن » قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#