ياۋا يېزىسى
ياۋا يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئارلىقى 25 كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋا يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئارلىقى 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە قاراساي بازىرى، غەربىي تەرىپى گۇما ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ شىمالىي قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى غا سوزۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ ئاۋات ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ غەربىي شىمالى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ مارالبېشى ناھىيەسى تۇتىشىدۇ؛ جەنۇبتا ئۇرچى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1317 ~ 1286 مېتىر. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3332 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 48547 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.65 مو كېلىدۇ.
بۇ يېزىغا قاراشلىق 22 كەنت ئاھالىلەر كومېتىتى بار بولۇپ، كارىز كەنتى، ئاۋات كەنتى، ئېرىق كەنتى، بىخلىق كەنتى، جايتېرەك كەنتى، بازار كەنتى، كۈرەش كەنتى، دايى كەنتى، پەيشەنبە بازار كەنتى، شاخلىق كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى، بوستان كەنتى قاتارلىقلار. 111 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 7487 ئاھالە بولۇپ، يېزا ئاھالىسى 6826، غەيرىي يېزا ئاھالىسى 661، نوپۇسى سانى 30514 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 30472 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇ لار 41 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.14 ىنى ئىگىلەيدۇ.
ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 290 ئادەم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 2، ئوقۇغۇچىسى 2009نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار 141 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 15، ئوقۇغۇچىسى 4612 نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار 190 نەپەر. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 200 مىڭ يۈەن بەبلەغ سېلىنغان. يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ قاپلاش نىسبىتى %95 كە، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابونېنتى 150 كە يەتكەن. 39 كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى 17600 پارچە، 25 مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى بار. شىپاخانا بىر، تېببىي خادىم 33 نەپەر، كېسەل كارىۋىتى 80 دانە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.