- كىرپە (سۈت ئەمگۈچى ھايۋان )
- كىرپە (تىبابەتتىكى ئىشلىتىلىشى)
كىرپە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كىرپە، كىرپە كەنجى ئائىلىسى، كىرپىسىمان ئەترىتى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، جەمئىي بەش ئۇرۇقدىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كىرپە ئۇرۇقدىشىدىكى كىرپىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، ياۋروپا، ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. كىرپىنىڭ بەدىنى پاكار، تىرنىقى ئۆتكۈر، كۆزى كىچىك، تۈكلىرى قىسقا، پۈتۈن تېنى قىسقا ھەم قويۇق تىكەنلىك، كىرپە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، ھاشارات ۋە ئىچكى پارازىتنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ.
دۈشمەنلىرىگە يولۇققاندا تۈگۈلۈپ توپ شەكلىگە كىرۋېلىپ، تىكىنىنى سىرىتقا قارىتىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ.
كىرپە بىر خىل تەن ئۇزۇنلۇقى ئاران 52 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن كىرپە ئېغىرلىقى 2.5 كىلوگرام. دۈمبىسى ۋە بىقىنلىرىنى تىكەن، باش، قۇيرۇقى ۋە قوسىقىنى تۈك قاپلىغان؛ ئاغزى بەك چوڭ، ھەم ئۇزۇن، قۇلىقى كىچىك، پۇت - قوللىرى قىسقا، قۇيرۇقى كالتە؛ ئالدى - ئارقا پۇتنىڭ ھەممىسىدە بەشتىن بارمىقى بار، تاپانى بولىدۇ، ئاز ساندىكى تۈرلىرىنىڭ ئالدى پۇتىدا تۆت بارمىقى بار؛ تۈگۈلۈپ توپ قىلغاندا بېشى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنمەيدۇ. چىشى 36~44 دانە، ھەممىسى ئۆتكۈر ئۇچلۇق چىشلىق؛
كىرپە غەيرى تېمپىراتۇرىلىق ھايۋانلار، ئۇلار مۇقىم ھالدا ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىيەلمەيدۇ، كىرپە قىشتا قىشلىق ئۈچەككە كىرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردم تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.