سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشى
سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئۆز مۇستەملىكلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىشىپ مىسىرغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى1952- يىلى مىسىردا ئىيۇل ئىنقىلابىي ئىيۇل ئىنقىلابىي يۈز بېرىپ، فېئودال فەرۇق سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1953-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1956-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلەر قوشۇنى مىسىردىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ 74 يىللىق ئىشغالىيەت تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن. بىراق، مىسىرنىڭ ئىقىتىسادىي جان تومۇرىنى كونترول قىلىدىغان سۇۋەيىش قانىلى شىركىتى يەنىلا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى. 1956-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر سۇۋەيش قانىلىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن. ۋە قانالدىكى سۇ يولىنى مىسىرنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى، قانال شىركىتىنىڭ كىرىمى بىلەن ئاسۋان توسمىسى ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قارشىلىشىپ بېقىپمۇ ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن مەخپى پېلان تۈزۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە بىرلىشىپ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىغان.
1956-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ 45 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تۆت يولغا بۆلۈنۈپ مىسىرغا ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ، مىسىر قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە «سۇۋەيش قانىلىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش نامىدا مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىپ ئارىغا چېكىنىپ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ۋاقتىنچە قانال بويلىرىدا تۇرۇشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيەگە ئۇلتىماتۇم ئەۋەتتى. مىسىر بىلە ئىسرائىلىيە بۇ تەلەپنى رەت قىلغان. 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنلىرى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، ئۇلارنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرى قاھىرە، ئىسكەندەرىيە، پورت-سەئىد، سۇۋەيش قاتارلىق شەھەرلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلغان. زۇڭتۇڭ ناسىر ئەنگلىيە، فرانسىيە ئارمىيىلىرىنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدا مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىش غەرىزىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، قوشۇنلىرىنى دەرھال سىناي ئارىلىدىن چېكىندۈرۈپ، قانال رايونىغا يۆتكەپ، ئەسكىرىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىلەرنى سۇغا چۆكتۈرۈش يولى بىلەن قانالنى قامال قىلىپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە ھەربىي كېمىلىرىنىڭ قامالدىن ئۆتۈشىنى توستى. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 22 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قوشۇنى پورت-سەئد ئەتىراپىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى. مىسىردىكى ئارمىيە ۋە خەلق پورت-سەئدنى قوغداش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ،80 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە، فرانسىيە دېڭىز قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگگن.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەرەب ئەللىرى خەلقى مىسىر خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرىشىنى قوللاش بويىچە قىزغىن دولقۇن قوزغىغان. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا خەلقىمۇ ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، مىسىر خەلقىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىگە تۈرلۈك شەكىلدە مەدەت بەردى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ھەربىي جەھەتتە قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرىدى. سىياسىي جەھەتتە مىسلىسىز دەرىجىدە يېتىم قالدى. ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ كۈنسايىن مۈشكىلات ئىچىدە قالدى. ئىچكى جەھەتتە ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىچكى، تاشقى قىيىنچىلىققا بوغۇلۇپ قالغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن فرانسىيە ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 7-كۈنى ب د ت نىڭ جىددىي ئومۇمىي يىغىنى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ مىسىردىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىغان. 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ياپونىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنلىرى مىسىردىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى غازا رايونىدىن ۋە ئاقابا قولتۇقى ئەتىراپىدىكى رايونىدىن چېكىنىپ چىققان.
شۇنداق قىلىپ، مىسىر خەلقى چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يېمىرىلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بىراق، ئامېرىكا بىلەن سۇۋەيىش ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا كەسكىن كۈچ سىنىشىشىقا باشلاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى زىددىيەت تىخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق تۈردە داۋالغۇپ تۇرغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.