دۆلەت

ئوتتۇرا ئافرىقا

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (Central African Republic) قىسقارتىلىپ ئوتتۇرا ئافرىقا دىيىلىدىغان بۇلۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. 

ئۇيغۇرچە نامى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئوتتۇرا ئافرىقا 中非
ۋاقىت رايونى UTC+1
دۆلەت شېئىرى 《复兴歌》
سىياسى تۈزۈلمىسى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 中非共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى بېنجى (Bangui)
دۆلەت تىلى فىرانسوز تىلى، سانگو تىلى
نوپۇسى 4 مىليون 90 مىڭ (2015-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (Central African Republic) قىسقارتىلىپ ئوتتۇرا ئافرىقا دىيىلىدىغان بۇلۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 622 مىڭ 984 كۋادرات كىلومېتىر (دۇنيا بويىچە 43-ئورۇندا تۇرىدۇ)، نوپۇسى 4 مىليون 90 مىڭ (2015-يىلى)، (دۇنيا بويىچە 124-ئورۇندا تۇرىدۇ).

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئىلگىرى فرانسىيەگە قاراشلىق بېنجى-چارى (Territoire d'Oubangui-Chari) تېررىتورىيىسىدە بولۇپ، فرانسىيەنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىسىنىڭ بىرى ئىدى. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ غەربىدىن باشلاپ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئوڭ يۆلىنىشى بويىچە ئايلانغاندا، كامېرۇن، چاد، سۇدان، جەنۇبىي سۇدان، گانگو دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە گانگو جۇمھۇرىيىتى تەرپىدىن قورشالغان. ئوتتۇرا ئافرىقا 1958-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان، دەسلىپىدە يېرىم ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمەت شەكلىدە بولۇپ، 1960-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىئوتتۇرا ئافرىقا نېگىر قۇللارنى سېتىشتىكى مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ، 1984-يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى گانگوغا، 1903-يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى ئوگانگو-چارىيغا، 1910-يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى ئېكۋاتور (French Equatorial Africa) دائىرسىگە كىرگۈزۈلگەن، 1958-يىلى مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇپ، يېرىم ئاپتونومىيىلىك ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (Répulique Centrafricaine)  نى قۇرغان، بارزېلىمىي بوگاندا (Barthelemy Boganda) باش مىنىستىرى بولغان، 1959-يىلى بازېلىمىي بوگاندا ئاۋىئاتسىيە ئاۋارىيىسىدە ئۆلگەندىن كېيىن، داۋىد داكو (David Dacko) باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.

1960-يىلى 8- ئاينىڭ 13-كۈنى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، داۋىد داكا ۋاقىتلىق پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ،  ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ، بىر پارتىيىلىك سىياسەتنى يۈرگۈزدى. 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ شتاب باشلىقى بوكاسسا (Jean-Bédel Bokassa) پولكوۋنىك سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، داكونى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شۇ كۈنى ئۆز ئالدىغا پرېزىدېنت بولدى. بوكاسسا تەخىتكە چىققاندىن كېيىن مۇستەبىتلىكنى كېڭەيتكەنلىكتىن، خەلق قىيىن ئەھۋالدا قالدى. 1976-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، بوكاسسا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، دۆلەت نامىنى ئوتتۇرا ئافرىقا پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن، ھەمدە 12-ئاينىڭ 4-كۈنى داغدۇغىلىق تاج كىيگۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. 1979-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىلگىرىكى پرېزىدېنت داكو، بوكاسسانىڭ لىۋىيىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن دۆلەت سىرتىغا چىققان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، فرانسىيە ھەربىي ئارمىيىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، بوكاسسانى ئەمەلدىن قالدۇردى، داكو يەنە بىر قېتىم پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ، دۆلەت نامى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 1981-يىلى 9-ئايدا، گېنرال ئاندىرە كولىڭبا (André Kolingba) سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ داكونى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1993-يىلى، ئوتتۇرا ئافرىقا تارىختا تۈنجى قېتىم دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزگەن، ئانگى فېلىكس پاتاسسى (Ange-Félix Patassé)  پرېزدېنتلىققا سايلانغان. 2003-يىلى 3-ئايدا، ئىلگىرىكى قوراللىق قىسىمنىڭ پولكوۋنىكى فرانچويس بوزىزې (François Bozizé) نىڭ ھەربىي قىسىمى پايتەخت بېنجىغا باستۇرۇپ كىرىپ، پاتاسسى ھۆكۈمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بوزىزې ئۆزى پرېزىدېنت بولدى. بوزىزې 2005-يىلى پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. ئىلگىرى قېچىپ يۈرگەن ھايتىنىڭ پرېزىدېنتى ئارىستىدې (Aristide) نى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەسلى 2010-يىلى 4-ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمى مۇددەتسىز قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىم «خۇدا قارشىلىق كۆرسىتىش ئارمىيىسى» نىڭ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشىغا ئۇچرىغاچقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا توپىلاڭچى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە ياردەم بەرگەن.

ئورنى ۋە يەر شەكلى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى شىمالىي كەڭلىك ئۈچ گرادۇستىن 11 گرادۇسقىچە بولغان ئارىلىققا جايلاشقان. بۇ دۆلەت ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، جەنۇب-شىمال، غەرب-شەرق ئوتتۇرىسىدىكى چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم يول بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 625 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ شەرقى شىمالىي سۇدان بىلەن، شەرقى جەنۇبىي سۇدان بىلەن، جەنۇبى گانگو دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربىي شىمالى گانگو بىلەن قوشنا، غەربى كامېرۇن بىلەن، شىمالى چاد بىلەن تۇتىشىدۇ، دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز پورتى بولمىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. زېمىنىنىڭ يەر ئۈستى تۈزۈلىشى ئىگىز، ئىگىز-پەس ئېدىرلىق، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 700 مېتىر، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىك بەلۋېغى.

سۇ ئىنشائاتى

ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىنى دەريا ئېقىمى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئاساسلىق دەريا ئېقىملىرىدىن، ئۇبانگى دەرياسى، شارى دەرياسى  (Shari)، لوگون دەرياسى  (Logone)، مېنبىرى(Mambere) دەرياسى بار. دەريا ۋادىسىنىڭ يەر تۈزۈلىشى بىر قەدەر تەكشى، ئىككى قىرغاقتىن باشقا جايلىرى پۈتۈنلەي ئېگىزلىك ۋە تاغلىق رايون.

ھاۋا كىلىماتى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي قىسمى تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە، جەنۇبىي قىسمى تروپىك بەلۋاغ  يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا تەۋە، ئوتتۇرىچە تېمپىراتورىسى تەخمىنەن 27.8 سېلسىيە گرادۇس. جەنۇبىي قىسىمنىڭ يامغۇر پەسلى 8 ئايغا سوزۇلىدۇ، يامغۇر سۈيى مول، ئەڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 1200 مىللىلېتىر، دەريا ۋادىسىغا يېقىن رايونلار ناھايىتى نەم بولۇپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىئوتتۇرا ئافرىقا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىقتىسادى يېزا-ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، بىردەك چەتئەلنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

فرانسىيە ئوتتۇرا ئافرىقىغا ياردەم قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، 1997-يىلىدىن ئىلگىرى ھەر يىلى ئوتتۇرا ئافرىقىغا قىلغان ياردىمى 90~60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. 1997-يىلدىن كېيىن فرانسىيە ھەر يىللىق ياردەمنى 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەتتى، بىراق بۇ يەنىلا ئوتتۇرا ئافرىقا سىرتتىن ئېرىشىدىغان ياردەمنىڭ %30 ىنى ئىگەللەيدۇ. كۆپ تەرەپلىمە ياردەمنى ئاساسلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەمىنلەيدۇ. 2000-يىلى ئوتتۇرا ئافرىقا سىرتتىن ئېرىشكەن ياردەمنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 75مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە فرانسىيە 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 5 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلغان.

يېزا-ئىگىلىكى

ئوتتۇرا ئافرىقا يېزا-ئىگىلىكىگە تايىنىدۇ، كۆپ قىسمى كىچىك تىپتىكى يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بولۇپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن گۈرۈچ، يەر ياڭىقى، تاماكا يوپۇرمىقى، ئىندىئان قونىقى، شېكەر قومۇش، قارىمۇچ، قەھۋە، كېۋەز، كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەر بار. ئاشلىقى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قەھۋە بىلەن كېۋەز بىردىن بىر ئېكسپورت قىلىدىغان يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى. قەھۋە ئاساسلىقى ياۋروپا قىتئەسىگە سېتىلىدۇ؛ پاختا مەھسۇلاتلىرى ئافرىقا قىتئەسى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا. ئۇنىڭدىن باشقا، كاۋچۇك ۋە پالما مېيى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئورمان بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ ئورمان يەر كۆلىمى 262  مىڭ 958 كۋادرات كىلومېتىر، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى%36.4 كە يېتىدۇ، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قارا سىر دەرىخى ياغىچىدىن باشقا، ھەر خىل دەرەخلەرنىڭ ياغاچلىرى بار، غەربىي جەنۇبىي قىسمى كەڭ كەتكەن ئېكۋاتور ئورمانلىقى، بىراق ترانسپورت قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئورمان بايلىقى تەرەققى قىلدۇرۇلماي قالغان.

چارۋىچىلىقى

 ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ چارۋىچىلىقى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دۆلەت بويىچە كالا ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاغ ئۆچكىسى، قوي، ئات ۋە چوشقا بار.

بېلىقچىلىق سانائىتى

بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئىتايىن مول، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى دەريا ئېقىنلىرىدا ئىنتايىن تەملىك بولغان ئىتبېلىقى، پېرگى ۋە يىلانبېلىق بار، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر كۆلچەك ياساپ بېلىق باقىدۇ، بېلىقتىن ئالغان ھوسۇل ھەرھالدا ئۆز ئۆزىنى تەمنلىيەلەيدۇ.

كانچىلىق سانائىتى

دۆلەت ئىچىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى ئۇنچە مول ئەمەس، ئاز مىقداردا تۆمۈر، ئاليومىن، مىس، كادمىي، ئۇران، سېرىق ئالتۇن ۋە ئالماس بار. ئالماسنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ئىچىدە پىشىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ئىكىسپورت قىلىنىدۇ.

سانائىتى

سانائەت جەھەتتە كان ئېچىش، سۇ كۈچى ئارقىلىق توك ھاسىل قىلىش، چىگىت ئايرىش، توقۇمچىلىق، ھاراق ئىشلەپچىقىرىش، ۋېلىسىپىت، خۇرۇم ئاياق، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش، ئالماس پىشىقلاپ ئىشلەش، سوپۇن، ئەتىر، تىككۈچىلىك، ئىلمە توقۇمچىلىق، رادىئو، تاماكا، سۇلياۋ ۋە قەھۋە پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئېكىسپورت سودىسى

ئېكىسپورت سودىسى جەھەتتە، 2007-يىللىق ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسى تەخمىنەن بىر مىليون 467 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن پاختا، قەھۋە، ئالماس ۋە ياغاچ ماتىرياللىرى بار، ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلىرى ياپونىيە، بېلگىيە، جۇڭگو، ماراكەش، ھىندونېزىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە.

ئىمپورت سودىسى

ئىمپورت سودىسى جەھەتتە، 2007-يىلىدىكى ئومۇمىي ئىمپورت قىممىتى 2 مىليون 373 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئاساسلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى يېقىلغۇ، يىمەكلىك، نېفىت، ئىچىملىك، دورا مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا ۋە زاپچاسلار، سائەت، رادىئو، ئۈنئالغۇ، ئەينەك بويۇملار، قەغەز، توقۇلما بويۇملار، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، ئوقۇش قوراللىرى، ئائىلە سايمانلىرى، سىمۇنت، ئالتۇن بويۇملار، ماشىنا، ئېلېكتر ئەسۋاپلىرى، خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار، سۇلياۋ ۋە كىيىم قاتارلىقلار. ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلىرى كورىيە، فرانسىيە، ماراكەش، كامېرۇن، گوللاندىيە، ئامېرىكىدىن ئىبارەت.

پۈتۈن دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسىمى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، پرېزىدېنتنى قوغداش ئەترىتى، ژاندارما ۋە ھاۋا ئارمىيەسىگە بۆلىنىدۇ، جەمئىي 2500 ئادەم بار. ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەلنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمى بار.

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئىچى قاتنىشى قولايسىز، دەريا بويىدىكى بىر نەچچە دۆلەتتىن باشقا، كۆپلىگەن ئىچكى قىسىمدىكى جايلارغا ئەزەلدىن سىرتتىن ئادەم كېلىپ باقمىغان، شۇڭا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس.

دۆلەت ئىچىدە تۆمۈر يول يوق، قاتنىشى دەريا ئېقىنى، تاشيول ۋە ھاۋا قاتنىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇبانگى دەرياسىنىڭ قاتنىشى 600 كىلومېتىر، شارى ۋە لوگون دەرياسىدىمۇ قاتناشقا بولىدۇ. ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ قاتنىشى تاش يولنى ئاساس قىلىدۇ، مۇھىم رايونلارنى قاتنىشى ئۆزئارا تۇتاشقان بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قاتناشقا بولىدۇ، تاش يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24 مىڭ 307 كىلومېتىر. سۇ ۋە ھاۋا قاتنىشى تېز تەرەققىي قىلغان، يۈك ترانسىپورتى بېسىق، سودىگەرلەردىمۇ سۇ ۋە ھاۋا قاتنىشىدىن پايدىلىنىپ مال يۆتكەش ئومۇملاشقان.

1968-يىلى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى تۈنجى قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مىكسىكا شەھىرىگە يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن. بىراق كېيىن 16 يىلدا 3 قېتىملىقى (1972، 1976، 1980) ئۈزۈلۈپ قېلىپ، 1984-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن قايتىدىن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قايتىپ كەلگەن، ھەمدە ئۇدا 8 قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا (1984، 1988، 1992، 1996، 2000، 2004، 2008، 2012) ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1988-يىلى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 24-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋاسكىتبول كوماندىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئونىنچى بولغان.

مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى

پۈتكۈل دۆلەت 16 شتاتقا بۆلىنىدۇ:

1. ئومبىللا-مپوكو شتاتى  (翁贝拉-姆波科省Ombella-M'Poko)؛

2. لوبايى شتاتى  (洛巴耶省Lobaye)؛

3. ۋاكاگا شتاتى  (瓦卡加省Vakaga)؛

4. بامىنگۇئى-بېنجىران شتاتى  (巴明吉-班戈兰省Bamingui-Bangoran)؛

5. نانا-گرەبىزى شتاتى  (纳纳-格里比齐省Nana-Grébizi)؛

6. ئوھام شتاتى  (瓦姆省Ouham)؛

7. نانا- مابىرى شتاتى  (纳纳-曼贝雷省Nana-Mambéré)؛

8. ئوھام پەندە شتاتى  (瓦姆-彭代省Ouham-Pendé)؛

9. مامبەرە-كادەي شتاتى  (曼贝雷-卡代省Mambéré-Kadéï)؛

10.سېنگا-مبائەرە شتاتى  (桑加-姆巴埃雷省Sangha-Mbaéré)؛

11.كەمو شتاتى  (凯莫省Kémo)؛

12.ئوئاكا شتاتى  (瓦卡省Ouaka)؛

13.باسسى-كوتتو شتاتى  (下科托省Basse-Kotto)؛

14.ھائۇتى-كوتتو شتاتى  (上科托省Haute-Kotto)؛

15.مبوئۇ شتاتى  (姆博穆省Mbomou)؛

16.ھائۇت-مبوئۇ شتاتى  (上姆博穆省Haut-Mbomou)؛

پايتەخىت بېنجى بولسا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر.

مۇھىم شەھەرلىرى

بىرائو  (比劳Birao)؛

بىرىئا  (布里亚Bria)؛

يالىنگا  (亚林加Yalinga)؛

ئوبو  (奥博Obo)؛

بامبارىي  (班巴里Bambari)؛

بانگاسسوۋ  (班加苏Bangassou)؛

بانگى  (班吉Bangui)؛

بوئار  (布阿尔Bouar)   ؛

بېربېرئاتى (贝贝拉蒂Berberati)؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/21990.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#