ياز

ياز، ئەڭ ئىسسىق، ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر پەسىلدۇر. شىمالىي يېرىم شاردا ئەڭ ئۇزۇن كۈنلەر يازدا كۆرۈلىدۇ. نورمالدە سەڧەر، چىللە، تومۇز ئايلىرى (ئىسسىق كۈنلەر 21-ئىيۇندىن 22-سىنتەبىرغىچە)، جەنۇبىي يېرىم شاردا كۆنەك، قەھرىتان، ھۇد (ئىسسىق كۈنلەر 22- دېكابېردىن 21-مارتقىچە) ياز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ياز، ياز پەسلى
چەتئەلچە نامى summer
كىلماتى قاتتىق ئىسسىق، بەلكىم سۇ كەمچىل بولۇشى مۇمكىن
خەنزۇچە نامى 夏季
باشقا نامى تومۇز، سەفەر، چىللە، تومۇز ئايلىرى، كۆنەك، قەھرىتان، ھۇد

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يازياز پەسلى بولسا «تۆت پەسىلنىڭ بىرى» بولغان ئەڭ ئىسسىق، ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر پەسىلدۇر. شىمالىي يېرىم شاردا ئەڭ ئۇزۇن كۈنلەر يازدا كۆرۈلىدۇ. نورمالدىيەە سەفەر، چىللە، تومۇز ئايلىرى (ئىسسىق كۈنلەر 21-ئىيۇندىن 22-سىنتەبىرغىچە)، جەنۇبىي يېرىم شاردا كۆنەك، قەھرىتان، ھۇد (ئىسسىق كۈنلەر 22- دېكابېردىن 21-مارتقىچە) ياز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.

يازياز پەسلى ئادەملەر، تەبىئەتنىڭ نۇرغۇن گۈزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتى تاپىدۇ. ئىنسان سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان سۆڭەكلەرنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ۋىتامىن D، قۇياش نۇرىدىن ئېلىنىدۇ. يازدا ئىنسانلار قۇمغا كۆمىلىدۇ. ئىمكان تاپسا تېرە ۋە بەزى كېسەللىكلەرگە پايدىلىق بولغان دېڭىزغا كىرىدۇ. كۈنگە قاقلىنىش رېماتىزىم كېسەللىرى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى يوقىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئەكسەرى بۇ پەسىلدە يېتىشىدۇ. بۇغداي، ئارپا، قوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى رايونىمىزدا ياز پەسلىدە تەييار بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ ئىسسىق يەر تۇرپان ئويمانلىقى بولۇپ يەر ھارارىتى بەزىدە 70 گرادۇسقىچە كۆتۈرىلىدۇ.

يازباش ياز قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 45 گرادۇس بولۇپ، 5-ئاينىڭ 5-7 كۈنلىرى.

سەرەتان ئىسىقى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 60 گرادۇس بولۇپ، 5-ئاينىڭ 20-22 كۈنلىرى.

ئورما ۋاقتى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇقى 75 گرادۇس بولۇپ، 6-ئاينىڭ 5-7 كۈنلىرى.

يازلىق قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇقى 90 گرادۇس بولۇپ، 6-ئاينىڭ 21-22 كۈنلىرى.

باش تومۇز قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 105 گرادۇس بولۇپ، 7-ئاينىڭ 6-8 كۈنلىرى.

تومۇز  قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 120 گرادۇس بولۇپ، 7-ئاينىڭ 22-24 كۈنلىرى.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#