بۇلار دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

نارجىل

نارجىل

نارجىل بولسا  دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ،دەرەخنىڭ مېۋە ئىچكى پوستى، ئىچكى سۈتى ۋە تۈرەلمە سۈتى قاتارلىقلار «نارجىل» نامىدا، يىغى «رەۋغىنى نارجىل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، سۈت ۋە مەنىي پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللانغان

يەر مەدىكى

يەر مەدىكى

بۇ يەر مەدىكى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تەييارتاپ سامان غوللۇق، سېمىز ئەتلىك، يەر مەدىكىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىچ سۈرۈش، قاناش ۋە تەرنى توختىتىش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى قاتتىقلىقنى تارقىتىش، ھاردۇق چىقىرىش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى يوللانغان

نۆشۇدۇر

نۆشۇدۇر

نۆشۇدۇر بولسا تەركىبىدە ئاممونى خلورىد تۇتقان، ئاق رەڭلىك ياكى كۈل رەڭلىك سۈزۈك كىرىستال كان تېشىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، يۆتەل توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سەپرانى تارقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللانغان

قامچىئوت يىلتىزى

قامچىئوت يىلتىزى

قامچىئوت يىلتىزى بولسا قامچىئوتنىڭ تۈگۈنچە يىلتىزدىن ئىبارەت بۇلۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، چاچنى قارايتىش خۇسۇسىيىتى بار.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى يوللانغان

ھەببۇلغار

ھەببۇلغار

ھەببۇلغار بولسا   كامغورا ئائىلسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئۆسۈملۈك غار دەرىخـىنىڭ  مىېۋىسى  بۇلۇپ، سۈيدۈك ۋە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، پەي مۇسكۇللارنى چېڭىتىش رولى بار. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

مۇرچۇبە

مۇرچۇبە

مۇرچۇبە بولسا  يۆتەل توختۇتۇش، ئۆسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنى يوللانغان

كاۋا

كاۋا

كاۋا كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق، كاۋىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى بەش بۇرجەك شەكىلدە، گۈلى سېرىق كېلىدۇ.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    مەدەنىيەت »تائام »يىمەك-ئىچمەككە ئائىت    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 09-كۈنى يوللانغان

جىگدە

جىگدە

جىگدە جىگدە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىلىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىغانغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللانغان

بەھمەن

بەھمەن

بۇ بەھمەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بەھمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى باھنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى يوللانغان

كاللەكبەسەي

كاللەكبەسەي

كاللەكبەسەي كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئاق چېچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ، سىلىق، سېپى ئىنتايىن قىسقا، نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلىرى قاتمۇقات دەستىلىنىپ كاللەك ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقى ۋە يەر ئۈستى قىسمى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 25-كۈنى يوللانغان