قىزىلئۆڭگەچ راكى

قىزىلئۆڭگەچ راكى

قىزىلئۆڭگەچ راكى-كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى نەرسىلەر ۋە كۆيدۈرگۈچى، زېدىلىگۈچى ئامىللار تەسىرىدىن قىزىلئۆڭگە زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆپىنچە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تارايغان ئۈچ يېرىدە پەيدا بولۇش بىلەن بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئۆسمە بار ئورۇندا توسۇلۇش يۈز بېرىش ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى قىزىلئۆڭگەچ راكى
كېسەللىك سەۋەبى قىزىلئۆڭگە زەخىملىنىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 40 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 食道癌
ئاساسلىق ئالامىتى ئاغرىش،ئورۇقلاپ ئاچ قېلىش
خەنزۇچە نامى 食管癌
تەۋە بۆلۈم ئۆسمە بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى قىزىلئۆڭگەچ
ئىنگلىزچە نامى esophageal carcinoma

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىلئۆڭگەچ راكىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى نەرسىلەر ۋە كۆيدۈرگۈچى، زېدىلىگۈچى ئامىللار تەسىرىدىن قىزىلئۆڭگە زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆپىنچە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تارايغان ئۈچ يېرىدە پەيدا بولۇش بىلەن بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئۆسمە بار ئورۇندا توسۇلۇش يۈز بېرىش، ئاغرىش، ئاخىر بېرىپ ھېچنېمە ئۆتمەي، يۇتقان نەرسىلىرىمۇ شىلىمشىق ياكى قانلىق قۇسۇق بىلەن يېنىپ چىقىش، چىرايى سارغىيىپ، قان ئازىيىپ، ئورۇقلاپ ئاچ قېلىش ۋە سۇسىزلىنىش ئارقىلىق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: سەۋزە، شوخلا، كۆكمۇچ، كەرەپشە ھەر بىرى 200 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى مەخسۇس ئۈسكۈنلەر بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: مۇدەببەر كۇچۇلا 100 گىرام، يىلان گۆشى 360 گىرام، قىزىل سىر 60 گىرام، چايان 20 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

قىزىلئۆڭگەچ راكىنى داۋالاشتەركىبى: ئۇچقۇر پاقا پاراشوكى 120 گىرام، ئاق يىلان پاراشوكى 80 گىرام، ئوق يىلان پاراشوكى 25 گىرام، كابۇل ھېلىلە ئېتى، سېرىق ھېلىلە ئېتى 40 گىرامدىن، قارا ھېلىلە 30 گىرام، زەرچىۋە، بوزۇغا، جويۇز، ئاقمۇچ، كەتىرا، ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈز كۈلى، شاقاقۇل، كۇندۇر، بادام مېغىزى، تۇخۇمى خەشخاش، يالپۇز، موزا، قورۇلغان كىرپە تىكىنى، مۇدەببەر قىلىنغان بىخ مارجان، كاۋاۋىچىن، ھاڭگا تېرەك ئۇرۇقى 30 گىرامدىن؛ ئاقىرقەرھا، قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى 50 گىرامدىن؛ ئانار گۈلى، ئادەمگىياھ، سەمغى ئەرەبى، كۇچۇلا مۇدەببەر، پىلە غوزا كۈلى، پاكىزە چاچ كۈلى، مەرۋايىت، كات ھىندى، تازا ئامىلە، تۇخۇم تاشلىقى، ھاڭگا تېرەك ئۇرۇقى 20 گىرامدىن، ئىپار ئۈچ گىرام؛ ھەسەل جەۋھىرى مۇۋاپىق مىقداردا، سىماب (ئۆلتۈرۈلگەن) 20 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئىپاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ (سىمابنى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن 50 گىرام گۈڭگۈرتتە قايتا-قايتا ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن) ، ئىپارنى يېتەرلىك ھەسەل جەۋھىرىگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتكەندىن كېيىن، سىماب بىلەن پاراشوك دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بولۇپ، پاراشوكلارنى ھەسەل جەۋھىرىگە سېلىپ قايتا قايتا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#