كەتىرا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كەتىرا ()
  2. كەتىرا ()
كەتىرا

كەتىرا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەتىراغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كەتىرا
تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黄芪

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەتىراكەتىرا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەتىراغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئوق يىلتىزى ئۇزۇن، شەكلى تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ. غولى تىك، سىرتى شالاڭ، ئاق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇششاق يوپۇرماقلىرى كىچىكرەك، سانى 17 ~ 29 غا قەدەر بولۇپ، تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ، قوشۇمچە يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەكلىك تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈل رېتى قىسقا، گۈللىرى زىچ، كېپىنەكسىمان، رەڭگى سۇس سېرىق، ئومۇمىي گۈل سېپى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. گۈل كاسسىسى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ، قارا تۈكلىرى بولىدۇ. قاسىراقلىق مېۋىسى كۆپۈپ چوڭىيىپ پۇۋەككە ئوخشايدۇ، ئۇرۇقى ئۇششاق بۆرەكسىمان، رەڭگى قارا.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، چاچما يىلتىزى ۋە لاي - توپىلارنى تازىلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەمدەپ، يالپاقلاپ توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقىنىڭ ئوچۇقچىلىقى، ئورمان بويلىرى ۋە چاتقاللىقلاردا كۆپ ئۆسىدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق.

بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەرلەشنى توختىتىش، ئەت ئۈندۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

كەتىراكەتىرادىن 70 گرام، قانتېپەردىن 35 گرام ئېلىپ، قوي گۆشى بىلەن شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇزۇن مۇددەت كېسەل ئازابىدىن بولغان بەدەن ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

20 گرام كەتىرانى 12 گرام قانتېپەر، سەككىز گرام پەربۇن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوڭى چىقىپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

35 گرام كەتىرانى 70 گرام تاۋۇز شاپىقىنى 15 گرام توشقانزەدىكى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىدىن بولغان سۇلۇق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

20 گرام كەتىرانى 20 گرام قانتېپەر، 12 گرام بايناق، 15 گرام ئايرىم ئېرىتىلگەن بۇغا مۈڭگۈز يېلىمى، 20 گرام پاقىيوپۇرماق ئۇرۇقى، بەش تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

25 گرام كەتىرانى 12 گرام كىرەش، 20 گرام ئۇچقات، سەككىز گرام سوپۇندەرەخ تىكىنى، 12 گرام ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنى، 10 گرام بايناق، 14 گرام ياۋا كەشمىر، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، غەلۋىرەكنىڭ ئۇزۇنغىچە ئېغىز ئالماسلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

20 گرام كەتىرانى 20 گرام كىرەش، 15 گرام لېپەكگۈل بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باش قېيىش، ھەيز توختاپ قېلىش، رەڭگى سارغىيىش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ۋە بەل، پۇت سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام كەتىرانى 10 گرام بايناق، سەككىز گرام كەۋرەك بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان كۆپ تەرلەشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ تور لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted#download3

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#