باش قېيىش

باش قېيىش

بەزى كىشىلەردە ساپساق تۇرۇپمۇ يول يۈرگەندە بولۇپمۇ بىر ئورۇندا مەلۇم ۋاقىت ئولتۇرۇپ دەرھال ئورۇندىن قوپقاندا، ئۇشتۇمتۇت بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا يىقىلىپ چۈشىدۇ.كۆپىنچە قان ئازلىق كېسىلى، قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىش، ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولۇشقا ئوخشاش كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى باش قېيىش
كېسەللىك سەۋەبى ئاپتاپ ئۆتۈش، قان ئازلىق
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار قان ئازلىق كېسەللىكى بار كىشىلەر
كېسەللىك ئورنى باش
ئاساسلىق ئالامىتى كۆڭۈل ئېلىشىش، چىراي تاتىرىش
خەنزۇچە نامى 头晕
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى dizziness

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1.ماددىسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش سەۋەبىدىن ئىسسىقلىقنىڭ بىۋاستە مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. 2.ماددىسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتتىن كېلىپ چىقىدۇ. 3.قان خىلىتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قان خىلىتىنىڭ مىقتارىدا ئازىيىش بولغاندا مىڭىگە قۇۋۋەت ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يىتىشمەسلىگىدىن قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. 4. قان خىلىتىنىڭ قويۇقلىشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قان خىلىتى قويۇلۇپ كەتكەندە، خىلىتلارنىڭ ئايلىنىشى نىسبىي توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېڭىنىڭ روھ بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. 5. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 6. تەمسىز بەلغەم خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تەمسىز بەلغەم خىلىتى بەدەندىكى تەبىئى ھارارەتنى تۆۋەنلىتىپ، مېڭىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ. 7. سەۋدا خىلىتىنىڭ قىيامىنىڭ قويۇقلىشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 8.روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.مەسىلەن زىيادە ئاچچىقلىنىش، غەزەپ-نەپرەت، قايغۇ-ھەسرەت قاتارلىقلار. 9.باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.مەسىلەن: مىڭە كىسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، كەم قانلىق، يۈرەك زەئىپلىشىش، ماددا ئالمىشىش بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك قاتارلىقلار. كلىنىك ئىپادىسى يەڭگىل بولغانلاردا ئەتراپتىكى نەرسىلەر چۆگىلەۋاتقاندەك، ئايلىنىۋاتقاندەك سېزىم بولىدۇ. كۆزى قاراڭغۇلىشىپ ئۆز تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالمايدۇ.ئېغىر بولغانلاردا ئۇزاق ۋاقىتقىچە بىمارنىڭ بەدىنى قېيىۋاتقاندەك، ئايلىنىۋاتقاندەك، ئۆز تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالمايۋاتقاندەك سېزىم بولىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، يىقىلىپ چۈشۈش، ھۇشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىلىتتىن بولغان بولسا شۇ خىلىتقا ئائىت ئالامەتلەر كۆرلىدۇ. نەرسىلەرنى كۆرسەتكەندە خاتا كۆرسىتىدۇ، ئۆرە تۇرالمايدۇ، كۆز ئالمىسى تىترەيدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، تەرلەيدۇ، بېشى ئېغىرلىشىپ كۆتىرەلمەيدۇ، ئېغاڭلاپ ماڭىدۇ.

 ئەگەشمە ئالامىتى:

1. باش ئايلىنىش ۋە كۆز ئالمىسىنىڭ ۋىرتىكال شەكلىدە تىترەشلىرى ھەممىسى دېگۈدەك دالانچە نېرۋا يادرولىرى زەھەرلەنگەنلىكتىن بولىدۇ. 2. قۇلاق دالانچىسىدىكى ئەزالارنىڭ كېسەللىكلىرىدىن پەيدا بولغان باش ئايلىنىشتا ھەمىشە قۇلاق غوڭۇلداش، ئاڭلاش كۈچى ئاجىزلاشلار بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما چوڭ مېڭە پېشانە بۆلىكى ياكى چوققا بۆلىكى كېسەللىكلىرى پەيدا قىلغان باش قېيىشتا قۇلاق غوڭۇلداش، ئاڭلاش كۈچى ئاجىزلاشتەك ئالامەتلەر ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ. 3. باش ئايلىنىش بىلەن بەدەن تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش بىللە كەلسە، كېسەللىك ئۆزگىرىش ئورنى كىچىك مېڭىدە، باشنىڭ ئارقا ئويمىنىدا ياكى مېڭە غولىدا بولىدۇ. 4. باش ئايلىنىش باشلانغاندا بىمارنىڭ كۆزىنى توسۇۋالسا، چۆرگىلەش يوقالسا، بۇ كۆز مەنبەلىك باش ئايلىنىش مۇمكىن.

1-رېتسېپ

تەركىبى: كابۇل ھېلىلىسى پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 40 گىرامدىن، ئاقلىغان بادام مېغىزى 100 گىرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 200 گىرام، شېكەر بىر كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: قىزىلگۈل 18 گىرام، سەئدى كوفى 15 گىرام، قەلەمپۇر، مەستىكى، سۇمبۇل، ئاسارۇن توققۇز گىرامدىن، زەرنەپ، بەسباسە، قاقىلە، لاچىندانە، جويۇز، قوۋزاقدارچىن، زەپەر ئالتە گىرامدىن، ئامىلە 40 گىرام، قەنت، ھەسەل 750 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

باش قېيىشتەركىبى: ئامىلە پوستى، بەلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 10 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىلىدۇ. 

  • داۋالاشتا بۇرۇنغا ئىپار قەرى، قەلەمپۇر يېغىغا ئوخشاش خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى پۇراتسا ئۈنۈمى ياخشى. ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى دانە تاتلىق ئانار، بىر دانە ئاچچىق ئانار ۋە بىر دانە بېھىينىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئۇدا بىر مەزگىل ئىچىپ بەرسە باش قېيىش توختايدۇ .

  • مۇرەككەپ دورىلاردىن ئىترىپىل كەشىنيزى ۋە مەئجۇنى نوجاھلار بېرىلىدۇ .

  • ئىترىپىل كەشىنيزىنىڭ تەركىبى: سېرىق ھەلىيلە پوستى، كابۇل ھەلىيلىسى پوستى، ئامىلە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گىرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، 15 گىرام بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن ئومۇمىي دورىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىگە باراۋەر ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىنىدۇ. كۈندە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا 2 گىرامدىن ئىچىلىدۇ .

  • مەئجۇنى نوجاھ (نەجاھ) نىڭ تەركىبى: كابۇل ھەلىيلىسى، بەلىيلە ۋە ئامىلە پوستىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گىرام، تۇربۇت، بىسفانەچ، ئەفتىمۇن، ئۈستخۇدۇس، قاتارلىق دورىلارنىڭ، ھەر قايسىسىدىن 15 گىرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ، ئومۇمىي دورىلارنىڭ ئىككى ھەسسە باراۋىردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەئجۈن تەييارلىنىدۇ. 40 كۈن چىنە قاچىدا ساقلانغاندىن كېيىن كۈندە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا 4 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1031

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#