مېڭزى

جۇڭگولۇق پەيلاسوپ مېڭزى كۇڭزى نىڭ ئەڭ مۇھىم ئىز باسارى. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان كىتاب «مېڭزى» دا خاتىرلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ جۇڭگودا ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋاقتى بىر نەچچە ئەسىرگە بارىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مېڭزى
باشقا نامى 子舆، 子车 ،子居
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 372-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 孟子
يۇرتى ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زۇشىيەن ناھىيىسى ئەتراپى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىنبۇرۇنقى 289-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭزىجۇڭگولۇق پەيلاسوپ مېڭزى كۇڭزى نىڭ ئەڭ مۇھىم ئىز باسارى. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان كىتاب «مېڭزى» دا خاتىرلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ جۇڭگودا ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋاقتى بىر نەچچە ئەسىرگە بارىدۇ. جۇڭگودا كۇڭزىدىن قالسىلا ئۇ «ئىككىنچى ئەۋلىيا» ھېسابلىنىدۇ. 

مېڭزى تەخمىنەن مىلادىدىن 371 يىل بۇرۇن زۇ بەگلىكىدە(ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زۇشىيەن ناھىيىسى ئەتراپىدا) دۇنياغا كەلدى. مېڭزى تۇغۇلغان مەزگىللەردە جۇڭگو تېخى بىرلىككە كەلمىگەن بولۇپ، ھەر قايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدا يېغا جېدەل ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغاچقا، بۇ دەۋر يېغىلىق دەۋرى دەپ ئاتالغان. گەرچە مېڭزى كوڭزىنىڭ تۆھپىسىنى ئېتراپ قىلغان، ئۆزىنى كۇڭزىنىڭ شاگىرتى دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئالىم ۋە پەيلاسوپ بولۇپ قالدى.

مېڭزى ياش ۋاقتىدا ئەتراپىدىكى بەگلىكلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرىگە ئەقىل كۆرسەتكەنىدى. بۇ بەگلەردىن كۆپى ئۇنىڭغا قۇلاق سالغان، بىر مەزگىل تېخى چى شۇەنۋاڭنىڭ ھۇزۇرىدا قوناق ئەمەلدارىمۇ بولغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ھېچقانداق ئەمىلى يوق ئىدى. مىلادىدىن 312 يىل بۇرۇن، مېڭزى 59 يېشىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى يۇرتىدا ئۆتكۈزدى. مېڭزىنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئەمما كۆپىنچە مىلادىدىن 289 يىل بۇرۇن ئۆلگەن دەپ قارىلىدۇ.

مېڭزىنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بولغان ئۇلار جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغلان ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ نام-شۆھىرىتى ۋە مۇھىملىقى ئاساسەن ئۆز ئەسىرى «مېڭزى» ئاساسىغا قۇرۇلغان-مەزكۇر كىتابتا ئۇنىڭ ئاساسلىق تەلىماتلىرى بايان قىلىنغان، گەرچە شاگىرتلىرى تەرىپىدىن قىسمەن قىسقارتىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مېڭزىنىڭ تۈپ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مېڭزى«مېڭزى » ماھىيەت جەھەتتە ئىدېئولوگىيە ۋە ئۈمىدۋارلىق ھەققىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا مېڭزىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىر قانچە جەھەتتىن قارىغاندا، مېڭزىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسى كۇڭزى ئىدىيىسى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. مېڭزىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسى «رەھىمدىللىك سىياسىتى» نى يولغا قويۇش، تۈپكى تەشەببۇسى بولسا «پادىشاھنى ھۈرمەتلەپ، زوراۋانلىقنى يەكۈنلەش» ، «كىشىلەرنى تەرىقەت بىلەن بويسۇندۇرۇش» تىن ئىبارەت «ھىدايەت يولى» نى تەشەببۇس قىلىش، «كىشىلەرنى كۈچ بىلەن بويسۇندۇرۇش» تەك «زوراۋانلىق» قا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت، بۇنىڭدىن مېڭزىنىڭ كۇڭزىغا قارىغاندا تېخىمۇ خەلقچىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مېڭزىنىڭ «تەڭرى ئاۋامغا باقار، تەڭرى ئاۋامنىڭ سۆزىنى ئاڭلار» دېگەن بىر جۈملە سۆزى بار. 

مېڭزى «خەلق قەدىرلىك» ، ھۆكۈمرانلار خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، بولۇپمۇ خەلقنى ھىدايەت بىلەن باشقۇرۇش ھەمدە مۇۋاپىق تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم دەپ تەكىتلىگەنىدى.

مېڭزىمېڭزى ئەركىن سودا-سېتىق قىلىشنى، باج-سېلىقنى يېنىكلىتىش، تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش، نەرسىلەرنى جايىدا ئىشلىتىشنى، دۆلەتنىڭ ياشانغانلار ۋە مىيىپلارغا ياردەم بېرىشنىڭ لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. مىڭزى مۇنارخىيلىك ھوقۇق «تەڭرى» تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان. «تەڭرى» كۇللى شەيئىنىڭ ئىگىسى. «تەڭرى» نىڭ ئىرادىسى ۋەلىيلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قارىغان ۋەلىيلەر مۇقەررەر ھالدا «تەڭرى» ئاتا قىلغان ھوقۇقتىن مەھرۇم قالىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مېڭزى، ناۋادا ۋەلىيلەر ئادىل بولمايدىكەن، خەلق ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرىدۇ دېگەندىن ئىبارەت(لوكتىن خېلى زامانلار ئىلگىرى) مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تەكىتلىگەن. بۇ ئىدىيە جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغانىدى. 

ئومۇمەن، بىز مېڭزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بولۈشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بىر خىل سىياسەتنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماسلىقىنى بايقىغانلىقىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مېڭزىنىڭ ئىديىسى كۇڭزىچىلار ۋە جۇڭگو خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. مىلادى 11-12-ئەسىرلەردە يېڭى كۇڭزىچىلىق تەلىماتى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، مڭېزىنىڭ ئورنى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 

بىز مېڭزىنىڭ ياشانغانلارغا، مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە باج سېلىقنى يېنىكلىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#