ئونباش يېزىسى
ئونباش يېزىسى باي ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 17.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 688.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئونباش يېزىسىئونباش يېزىسى باي ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 17.5 كىلومېتىر، شەرق، جەنۇب تەرىپى چۆلتاغ تېغى بىلەن توقسۇ ناھىيەسى چېگرالىنىدۇ، غەربتە چەرچى بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى چوڭ كۆۋرۈك، مىچىغ، كانچى، توقسۇن قاتارلىق يېزىلار ئارقىلىق مۇزات دەرياسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 52.4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 14.4 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 688.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ كۆلىمى 97.64 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قاراشلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار ، نوپۇسى 14791 ئادەم. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۆۋەنكى ئونباش كەنتىدە.
ئونباش يېزىسىئونباش يېزىسى مۇزات دەرياسى ئوتتۇرا، تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە1370-1174 مېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃7.4، قىروسىز مەزگىلى 160 ~ 150 كۈن. يىللىق ئەڭ يۇقىرى ھۆل-يېغىن مىقدارى 151.2 مىللىمېتىر، ئەڭ تۆۋەن ھۆل-يېغىن مىقدارى 50.5 مىللىمېتىر. دائىرىسى بىر تار بەلباغ بۇلۇپ، يەر تۈزۈلۈشى غەربتىن شەرققە سەل قېيسايغان، يەر بىر قەدەر تەكشى. تەۋەسىدە سۇ باشلاش، سۇغىرىش قۇلايلىق، دەل-دەرەخ بىر قەدەر كۆپ، يېزىنىڭ جەنۇبىدا تاغلىق بار بۇلۇپ، چۆلتاغ تېغى ئاساسىي تاغ تىزمىسىدۇر. جەنۇپتىكى تاغدا مىس، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.
ئونباش يېزىسىئونباش يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، قوشۇمچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بار. 62127 مو تېرىلغۇ يەر بار، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال، قىچا، زىغىر ۋە ئاپتاپپەرەس تېرىلىدۇ. ئاساسلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتى قوغۇن. بۇ يېزا ناھىيە بويىچە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايوندۇر.
ئونباش يېزىسى ئونباش يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا 13 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چوڭقۇر ھاڭ ۋە تىك قىيالار ئۈستىدە، بىر ئونباش بۇت غارى خارابىسى بار، بۇ جاي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.