يەن خۈەيلى
يەن خۈەيلى 1936-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10دىن 20 لەر ئۆتكەندە ئۆپكىسى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بېيجىڭ دا 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئەر ئارتىس.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يەن خۈەيلىيەن خۈەيلى 1936-يىلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10دىن 20 لەر ئۆتكەندە ئۆپكىسى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بېيجىڭدا 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئەر ئارتىس. 1952-يىلى، چىنخۇاڭداۋ شەھىرى قۇرۇلۇش بانكىسىغا خىزمەتكە چىقىپ بوغالتىرلىق قىلغان. 1958-يىلى، بېيجىڭ خەلق سەنئەت تىياتىرخانىسىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 1986-يىلى، تېلېۋىزىيە-تىياتىرى «غەربكە ساياھەت»تە راھىب شاسىڭنىڭ رولىنى ئېلىپ كەڭ تاماشىبىنلارغا تونۇلغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: غەربكە ساياھەت، ياش ئەۋلادلار، سەي ۋېنجى، تىغمۇتىغ ئېلىشىش، ئىزوپ، ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.