ياغاچ ئارا

ياغاچ ئارا

ياغاچ ئارا بۇغداي، ئارپا، شال، تېرىق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى يىغىش، خامان قىلىپ تېپىش، سورۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم سايمان.

ئۇيغۇرچە نامى ياغاچ ئارا
تۈرى دېھقانچىلىق سايمىنى
خەنزۇچە نامى 木叉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياغاچ ئارائەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدا تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭدىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. ئەنە شۇ سايمانلارنىڭ بىرى بولغان ياغاچ ئارا بۇغداي، ئارپا، شال، تېرىق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى يىغىش، خامان قىلىپ تېپىش، سورۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم سايمان.

ياغاچ ئارا ئاساسلىقى ساپ (دەستە)، قول، بەللىك، كالاپاتىڭى (بۇ كالا سويۇلغاندا بويۇن تەرىپىدىن چىقىدىغان بىر خىل سوزۇلۇشچان، ساغۇچ رەڭلىك پەينى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ قويۇپ، كېرەك بولغاندا سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدىغان سايمان.

ياغاچ ئاراياغاچ ئارىنى ياساشتا 1.50 ~ 1.70 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سېرىق سۆگەتنىڭ تۈز ئۆسكەن بادىرىسىدىن ساپ (دەستە) تەييارلىنىدۇ. ئاندىن توملۇقى 12 ~ 15 مىللىمېتىر كېلىدىغان قىزىل يۇلغۇننىڭ ئۇششاق بادىرىسى تاللىنىپ، ئۇنى 30 گىرادۇس ئەتراپىدا ئېگىپ، قۇرۇتۇپ ئارىنىڭ بارماقچىلىرى تەييارلىنىدۇ. ئارا ئادەتتە بەش بارماقلىق قىلىپ ياسىلىدۇ.

بارماقلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، ئارىلىقى 10 ~ 12 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەر بىر بارماقنىڭ ئۈستىگە يەنە قىزىل يۇلغۇننىڭ تومراق تۈز ياغىچىدىن بەللىك قويۇلۇپ، كالا پاتىڭى بىلەن بىر–بىرىگە چىڭ باغلىنىدۇ. ئاندىن بۇ بەش بارماقنىڭ دەستىسى كالا پاتىڭى بىلەن مەھكەم تېڭىلىدۇ. ئارا پۈتتۈرۈلۈپ بىر–ئىككى كۈن ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.

گەرچە ئىلگىرى بۇ سايمان خامان ئېلىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىرلا ۋاقىتتا دان بىلەن ساماننى ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كومبايىن ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى خامان سورۇيدىغان ماشىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن بۇنداق ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش سايمىنىمىز ئىستېمالدىن قالماقتا.[0]

ياغاچ ئارا
ياغاچ ئارا

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#