سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى
سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى-سوغۇق ئۆتۈش، شامالداش، قار، بوران، يامغۇردا قېلىش، ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق سۇغا چۆمۈلۈش،بەك سوغۇق تاماقلارنى يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش ۋە پېشانە سوغۇق بولۇش، ئىسسىق ھاۋادا ياكى ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوغۇق ئۆتۈش، شامالداش، قار، بوران، يامغۇردا قېلىش، ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق سۇغا چۆمۈلۈش، مۇنچىدىن چىقىپلا ئۆتكۈر سوغۇق نەرسىلەرنى ئىچىش ياكى بەك سوغۇق تاماقلارنى يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: باش ۋە پېشانە سوغۇق بولۇش، ئىسسىق ھاۋادا ياكى ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
باش ئاغرىيدۇ، لېكىن باشتا ئېغىرلىق بولمايدۇ. ئاڭلاش، سېزىش، پۇراش، تېتىش قاتارلىق سېزىش قۇۋۋەتلىرى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ. ھاماقەتلىك، ئۆزەمچىلىككە ئوخشاش سەۋدايى ئىشلارنى ۋە ھەرخىل بۇزۇق خىياللارنى كۆپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئويلايدۇ. تومۇرى سۇس سوقىدۇ. گەجگىسى ئاغرىيدۇ. [0]
2-رېتسېپ
سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىتەركىبى: كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئامىلە پوستى، بەلىلە پوستى، قارىمۇچ، پىلپىل 90 گىرامدىن، زەنجىۋىل 40 گىرام، قارا ھېلىلە 90 گىرام، شاقاقۇل، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، لىسانىل ئاساپىر، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ھەببى قەلقەل، پوستى ئاقلانغان كۈنجۈت، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى 40 گىرامدىن، كۈنجۈت يېغى 50 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .
3-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، ئامىلە، سانا، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس، مەستىكى، ۋاسالغۇ 22 گىرامدىن، ھەسەل 800 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
باشقا ئۇسۇللار
باش ساھەسىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم. باشنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش، مۇنچىغا چۈشۈپ تەرلەش، بىنەپشە، بابۇنە، مەرزەنجۇش قاتارلىق خۇش پۇراق، خۇش قىلغۇچى دورىلارنى قاينىتىپ سۈيىدە باشنى يۇيۇش، كېسەلنى ئىسسىق جايغا يۆتكەپ ئارام ئالدۇرۇش، ئىپار، ئەنبەر، دارچىنى، قەلەمپۇر قاتارلىق دورىلارنى پۇرىتىش، سەلىخە، سۇمبۇل قاتارلىق دورىلار قوشۇلغان مائۇل ئۇسۇل شەربىتىگە قەنت سېلىپ قىيام قىلىپ ئىچكۈزۈش لازىم.
ئوزۇقلىنىشى
توخۇ ۋە پاقلان گۆشلىرىگە دارچىنى، زىرە، چامغۇر، سەۋزە قاتارلىقلارنى سېلىپ پىشۇرۇپ يېگۈزۈش، شورپىسىنى ئىچكۈزۈش لازىم. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىستېمال قىلىدىغان تاماقلىرى قىزىتقۇچى تائاملار بولۇشى كېرەك. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/bash/2013/1208/306.html
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.