يېڭىئېرىق يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يېڭىئېرىق يېزىسى (خوتەن ناھىيەسى)
  2. يېڭىئېرىق يېزىسى (يېڭىشەھەر ناھىيەسى)
  3. يېڭىئېرىق يېزىسى (ئاۋات ناھىيەسى)
خوتەن ناھىيەسى

يېڭىئېرىق يېزىسى

يېڭىئېرىق يېزىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان. بۇ يېزىغا قاراشلىق 22 كەنت ئاھالىلەر كومېتىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى يېڭىئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى
رايۇن نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英艾日克乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 616 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان. بۇ يېزىغا قاراشلىق 22 كەنت ئاھالىلەر كومېتىتى بار بۇلۇپ، پاۋانلا كەنتى، چاچى كەنتى، تۇلىۋاي كەنتى، ئارال كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى، لاتىلىق كەنتى، تورا كەنتى، يەكلى كەنتى، ئارا ئايماق كەنتى، بايلا كەنتى، ئۈستۈنكى توغرائۆستەڭ كەنتى، تۆۋەنكى توغرائۆستەڭ كەنتى، شاقۇر كەنتى، ئۈستۈنكى لەڭگەر كەنتى، تۆۋەنكى لەڭگەر كەنتى، كەكرىبۇيا كەنتى، قوشقۇدۇق كەنتى، قوۋۇرغا كەنتى، سۇ يايدى كەنتى، سەككىزىنچى ليەن كەنتى، بەشپۇتاق كەنتى، كۆتۈرمە كودى كەنتى، سۆگەتئېرىق كەنتى قاتارلىقلار بار. 

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىسىدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلار 62 نەپەر، ئەمەلىي خىزمەت ئۆتەيدىغان كادىرلار 53 نەپەرگە يەتكەن. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى 20 كىشى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارتكوم بەنزىسى 11 ئادەم، پارتكوم، ھۆكۈمەت گىرەلەشمە ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئۈچ ئادەم؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 50 ياش، ئەڭ كىچىكى 26 ياش بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 37 ياش. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىدە بەش ئادەم، ئوتتۇرچە  يېشى 30 ياش. پارتكوم ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدا 23 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، سەككىز ئورگان، پونكىت، 966 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، ئۈچ پېشقەدەم خادىملاردىن 135 كىشى، ئىتتىپاق ئەزالىرى 1039 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت پاۋان كەنتىدە، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 90 ئاھالە گۇرۇپپىسى، يېزا بويىچە 5961 نۇپۇس، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 26269 ئادەم، خەنزۇ 1507 ئادەم، خۇيزۇ 71 ئادەم، جۇاڭزۇ 8 ئادەم.

يىغىندىن بىر كۆرۈنۈشيېقىندىن بېرى، يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرغان. 

يېزا ئىگىلىگى جەھەتتە

يېزا كۆرۈنۈشىيېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، يېڭىئېرىق يېزىسى 50 مىڭ مو ئەتراپىدىكى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قالغان، بۇغداي 20 مىڭ مو ئەتراپىدا تېرىلغان. ھازىر بار بولغان مېۋىلىك باغ كۆلىمى 17900 مو، باغ كۆلىمى 5600 مو . 2006-يىلى 4500 مو چىلان تىكىلگەن، ياڭاق 800 مو بولغان، كۆچەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە تۇتۇش نىسبىتى %85 تىن ئاشقان، ئەڭ يۇقىرى ئەي بولۇش نىسبىتى %98 كە يەتكەن. ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ  قوتاندىكى ئومۇمىي سانى 129785 تۇياق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋا 18316 تۇياق، ئۇششاق چارۋا 59364 تۇياق، ئۆي قۇشلىرى 52105 دانە.

ئىجتىمائىي ئىشلار جەھەتتە

مەكتەپتىكى بالىلار يېزىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلغان، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، 21 كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ بار بۇلۇپ، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك مالىيە سېلىنمىسى ۋە شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىلگەن. دېھقان-چارۋىچىلار تېخنىكا مەكتىپىدىن بىرسى بار. يېزا بويىچە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن 386 سى بار. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. 2003-، 2004-، 2005-يىلى ئۇدا ئۈچ يىل پۈتۈن يېزىنىڭ مائارىپ خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ، «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلغان. داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلغان، بىر يېزىلىق دوختۇرخانا، ئىككى دورا ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ھەممە كەنتتە داۋالاش پونكىتى تەسىس قىلىنغان، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش ئىشلىرىغا ناھايىتى زور قولايلىق يارىتىپ بەرگەن، يېزىنىڭ سەھىيە خىزمىتى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىز ئۈلگىلىك يېزا-بازار» بولۇپ باھالانغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#