گەنبىيەن سومىيەن

گەنبىيەن سومىيەن

گەنبىيەن سومىيەن ئۇن، ياغ، گۆش، غولپىياز، كۇدە، سامساق قاتارلىقلارنى خام-ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان سومىيەننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە، رەڭگى چىرايلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، قۇۋۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گەنبىيەن سومىيەنماتېرىيالى : ئۇن، ياغ، گۆش، غولپىياز، كۈدە، سامساق.

تەم خۇرۇچلىرى : تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، داپەنجى لازىسى، جاڭيو.

قۇشۇمچە : پۇراقلىق قىزىلمۇچ قىيامى، كۈنجۈت ياكى كۈنجۈت مىيى، كاۋاۋىچىن مىيى.

گەنبىيەن سومىيەنخېمىرنى يۇغۇرۇپ پىلتە قىلىۋالىمىز. كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا سۇ قويۇپ قاينىغاندا پىلتىنى تارتىپ چوكا ئۇچىدەك ئىنچىكە شەكىلگە كەلگەندە ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇپ ئۇزۇنلىقىنى 15 سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا چاناپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ، مۇزدەك سۇدا چايقاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ سۈيىنى ساقىتىپ سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

قۇرۇش ئۇسۇلى 1

قازانغا يېرىم چۈمۈچ ماي قويۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ گۆش سارغايغاندا غولپىياز، كۇدە، قاقمۇچ، سامساقلارنى سېلىپ، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ سىپىپ تۇز سېلىپ پىشۇرۇپ، تەييارلانغان چۆپنى سېلىپ ئارىلاشتۇۋەتمەي تۇرۇپ، بىر نەچچە تامچە جاڭيو تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى ئۈچ مىنۇت قورۇپ تەخسىگە ئۇسسا بولىدۇ.

قۇرۇش ئۇسۇلى 2

گۆشنى تەملاندۇرۇپ قازانغا 3 چۈمۈچ ماي قويۇپ ماي قىزىغاندا گۆشنى سالىمىز، گۆش سارغايغاندا پىشۇرۇلغان خېمىرنى سېلىپ مايدىن سۈزىۋالىمىز. قازانغا ئازراق ماي قويۇپ پۈتۈن كاۋاۋىچىن سېلىپ قۇرۇپ كاۋاۋىچىننى سۈزىۋېلىپ، غولپىياز، كۇدە، قاقمۇچ، سامساقلارنى سېلىپ، پۇراقلق قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ قورۇپ، تۇز، ئاقمۇچ سىپىپ خېمىرنى سېلىپ ئازراق جاڭيو تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈنجۈت ياكى كۈنجۈت مىيى تېمىتىپ تەخسىگە ئۇسىمىز.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تائاملار سالونى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#