ئۇيغۇرچە نامى دەفتەر يېزىسى
تەۋە رايون تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە نامى 达布达尔乡
يەر مەيدانى 114 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر كىلدۇ
نۇپۇسى 1041 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەفتەر يېزىسى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يانتۇ، شەرقىي تەرپىدە مارياڭ يېزىسى، غەربىي شىمال تەرپىدە تاشقورغان يېزىسى، شەرقىي جەنۇبتا قاغىلىق ناھىيەسى، جەنۇبتا پاكىستان چېگراسى بىلەن چېگىرالىنىدۇ.

ئومۇمىي نوپۇسى 1041 ئادەم.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3700 مېتىر، پامىر ئېگىزلىكى ۋە كوئېنلۇن تېغىنىڭ كىلىمات رايونىغا تەۋە. ھاۋا رايى ئۆزگىرىشچان، قىش پەسلى ئۇزاق، ياز پەسلى قىسقا، قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن ئەتراپىدا. ئاساسلىق ئاپەتلەردىن ئۈششۈك، قۇرغاقچىلىق، بوران-چاپقۇن، قار ئاپىتى قاتارلىقلار بار، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 55 كىلومېتىر. 

دەفتەر يېزىسى تاجىك تىلىدا «ئىشىك» دېگەن مەنىدە. ئازادلىقتىن بۇرۇن تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسى، ئازاتلىقتىن كىيىن 1950-يىلى دەفتەر يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. 1959-يىلى دەفتەر گۇڭشېسى قۇرۇلغان، دەفتەر يېزىسى تەۋەلىكدە بىر رايۇن، ئۈچ يېزا بار. 1966-يىلى نامى ئاۋانگارت گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان، دەفتەر گۇڭشېسى دېگەن نامى 1975-يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1985-يىلدىن ھازىرغىچە دەفتەر يېزىسى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

دەفتەر يېزىسىدىكى ئاھالىلەر ئاساسلىقى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان، چارۋىچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تاغ جىلغىسى بار، تاشقورغان دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر مول، يەر ئىسسىقلىق بايلىقى مول، ئارشاڭ ۋە مىنېرال بۇلاق كۆپ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئاق ئارپا، پۇرچاق قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تۆگە يۇڭى، كەشمىر يىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار. چارۋىلىرىدىن قوي، ئۆچكە، قوتاز، سېرىق كالا، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار.

«314» دۆلەت يولى دەفتەر يېزىسنى كېسىپ ئۆتىدۇ، يېزا، كەنت بىلەن بولغان ئارلىقى 260 كىلومېتىر، بۇ يول ھەر قايسى كەنتلەرگە تۇتاشقان، قاتناش بىر قەدەر قولاي. بۇ يېزىدا بەش كان ئېچىش شىركىتى بار، يەككە   تىجارەت ئائىلىسى 48 گە يەتكەن. يېزا تەۋەسىدە مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن «قىزقورغان»، قەدىمكى يىپەك يولى «ۋاخان كارىدورى» قاتارلىقلار بار.

ياۋايى ھايۋانلاردىن قىرغاۋۇل، موڭغۇل جەرىنى، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، بۆرە ۋە ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن قار لەيلىسى، قۇرۇمدۇق، يەر مەدىكى، ئەڭلىكئوت، مەرزەنجۇش، چاكاندا قاتارلىق قىممەتلىك جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ماتېرىيالى بار. كان مەھسۇلاتلىرىدىن زۇمرەت، ئانار تېشى، يۇنمۇ، ماگنىت تۆمۈر رۇدىسى، كرىستال، قىزىل كۆك ياقۇت قاتارلىق بار. 

دەفتەر كەنتى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدا بۇلۇپ، ئۈچ كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. بۇ كەنت ئاھالىسىدە 1460 ئادەم بار بۇلۇپ، پارتىيە ئەزاسىنىڭ سانى 34، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تۆگە يۇڭى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بار، 3276 مو تېرىلغۇ يەر، 7260 مو ئوتلاق، 547 مىڭ مو چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. 

ئاتيايلاق كەنتىنىڭ نوپۇس سانى 352، پارتىيە ئەزاسى 26 كىشى بۇلۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە يايلاق 450 مو، ئوت-چۆپ 2465 مو، چارۋىچىلىق مەيدانى13 مىڭ مو كېلىدۇ.

رىسقام كەنتىدە، توققۇز كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. تاجىك تىلىدا بۇ ھەقىقىي كان بار جاي دېگەن مەنىدە، بۇ كەنت يېزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 125 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يېزا ئوتتۇرىسغا جايلاشقان، كەنت ئاھالە گۇرۇپپىىسدىكى كىشلەر ئاددىي ياشايدۇ، بۇ يېزا چارۋا يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، نوپۇس سانى 628، پارتىيە ئەزالىرى 34 كە يەتكەن، 1500 مو تېرىلغۇ يەرلىرى بار، ئوت-چۆپ ۋە چارۋىچىلىق فېرمىسى 229 مىڭ موغا يەتكەن. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئاق ئارپا، كۆك پۇرچاق ئاساس قىلىنىدۇ. ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تۆگە يۇڭى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار. بۇ كەنىت 2002-يىلى ناھىيەسى تەرىپىدىن ئىلغار پارتىيە ياچېيكىسى بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#