- خېنىگۈل (خام دورا )
- خېنىگۈل ()
خېنىگۈل
خېنىگۈل خېنە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، خېنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە گۈلى قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، رېماتىزمنى ياخشىلاش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، بەلغەمنى بوشىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خېنىگۈل خېنە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، خېنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېىر كېلىدۇ، غولى گۆشلۈك، سىلىق، بوغۇم قىسمى كۆپىنچە قىزىل رەڭلىك بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تېمىنە شەكلىدە، گىرۋىكى ئىنچىكە ھەرە چىشىسىمان بولىدۇ؛ گۈلى قولتۇقىدىن ئۆسكەن بولۇپ، قىزىل، سۆسۈن، ئاق، سېرىق رەڭلەردە بولىدۇ؛ غوزا مېۋىسى سوقىچاق، شۆپۈكى ئەۋرىشىم بولۇپ، پىشقاندا ئازراق تېگىپ قويسىلا يېرىلىدۇ؛ ئۇرۇقى ياپىلاقراق تۇخۇم شەكلىدە، رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، ھۆل ھالىتىدە ياكى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ توغراپ؛ گۈلىنى سايىدا قۇرۇتۇپ؛ مېۋىسىنى كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشىپ تېخى يېرىلمىغاندا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، رېماتىزمنى ياخشىلاش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، بەلغەمنى بوشىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ چۆپى 8 ~ 20 گرام، گۈلى 4 ~ 8 گرام، ئۇرۇقى 4 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
خېنىگۈلنىڭ چۆپى، كىرەش ۋە قىزىل چۇغلۇقنىڭ ھەر بىرىدن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل خېنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا تەخمىنەن 1 - 2 سائەت تاڭسا، ھەرخىل سىرتقى زەخىملىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام خېنىگۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.2 ~ 4 گرام تالقاننى مۇۋاپىق مىقداردىكى رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خېنىگۈلدىن 12 گرام، ئۈجمىنىڭ يۇمران شېخىدىن 35 گرام، بېھىدىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بەل، پۇت ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خېنىگۈلنىڭ چۆپى ياكى ئۇرۇقىدىن بەش گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەي قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. خېنىگۈلنى قاينىتىپ مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، لىمفا تۈگۈن سىلى تېشىلمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ، چاكاندا ۋە خېنىگۈلدىن 20 گرامدىن، بېھى، لېپەكگۈل، كىرەش، ھەرە كۆنىكى، زاراڭزا چېچىكىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامددىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ پۈتنى يۇيۇپ بەرسە، بالىلار پالىچىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام خېنىگۈل ئۇرۇقىنى 5.3 گرام ئېيىق ئۆتى، 20 گرام دانىكار بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خېنىگۈلدىن تۆت گرام سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا قاينىتىلغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.