توخۇ گۆشى قوردىقى

توخۇ گۆشى قوردىقى
توخۇ گۆشى قوردىقى بولسا توخۇ ، دارچىن ، سۇ يېغى ، كاۋاۋىچىن ، قۇرۇتۇلغان ئۈچلۇق لازا ، تۇز ، پىياز ، شېكەر ، سامساق، جاڭيۇ ، زەنجىۋىل ، تېتىتقۇ قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،ناھايىتى يىيشلىك .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارتوخۇ بىر دانە، دارچىن ئازراق، سۇ يېغى 250 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، قۇرۇتۇلغان ئۈچلۇق لازا بىر سىقىم، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر باش، شېكەر مۇۋاپىق، سامساق بىر باش، جاڭيۇ ئازراق، زەنجىۋىل كىچىك بىر باش، تېتىتقۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 

1. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىزە ئادالاپ، چوڭ ئۆرۈكتەك چوڭلۇقتا، ياڭيۇ ھەم ئوخشاش چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. 

2. ساپلىققا 105-75 گرام ياغ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق شېكەر سېلىپ، شېكەر رېڭى تەييارلاپ ئۇنىڭغا توغرالغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ تېز ئوتتا قورۇلىدۇ. 

گۆش ئاساسەن پىشقاندا رەڭگى قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. شۇ ۋاقتىدا قىزىل لازا، ياڭيۇ توغرالغان پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، دارچىنلارنى سېلىپ قورۇپ، ياڭيۇ پىشقاندا جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تەخسىگە ياكى لېگەنگە ئۇسىمىز.

3. لەغمەن خېمىرىنى بارماقتەك كەڭلىكتە سوزۇپ قايناق سۇدا پىشۇرۇپ، توخۇ قوردىقى بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ. گاڭپەن، موما بىلەن ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#