يالمانقۇلاق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يالمانقۇلاق (خام دورا )
  2. يالمانقۇلاق ( يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك)
خام دورا

يالمانقۇلاق

يالمانقۇلاق

يالمانقۇلاق سۈتلۈكئوتلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق كىچىك سامان غوللۇق، سۈتلۈكئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئۈستى قىسمى قان توختىتىش، ئىسسىقنى ھەيدەش، زەھەرنى قايتۇرۇش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى يالمانقۇلاق
شەكلى ئۈچ قىرلىق، شارسىمان
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 地锦草
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىنيىنچە يېزىلىشى dì jǐn cǎo

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يالمانقۇلاقيالمانقۇلاق سۈتلۈكئوتلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق كىچىك سامان غوللۇق، سۈتلۈكئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، غولى ئىنچىكە ۋە ئاجىز، رەڭگى سۇس قىزىل ياكى سۆسۈن يېشىل، تېنىدە ئاق سۈت بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سوقىچاق شەكلىدە بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسلىدە يوپۇرماق قولتۇقىدا سۇس بېغىر رەڭدىكى ئۇششاق گۈللىرى ئېچىلىدۇ، غوزا مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، شارسىمان كېلىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە ئورۇۋېلىپ، تازىلاپ، كەسلەپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز، دالا، يول، دەريا بويلىرى ۋە ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

قان توختىتىش، ئىسسىقنى ھەيدەش، زەھەرنى قايتۇرۇش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

20 گرام يالمانقۇلاقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچكى-تاشقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناش ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام يالمانقۇلاقنى سوقۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرم يالمانقۇلاقنى 12 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي ياللۇغى ۋە تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. يالمانقۇلاقتىن 25 ~ 70 گرام ئېلىپ بېلىق بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سۈتنى كۆپەيتىپ، سۈت يېتىشمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. يالمانقۇلاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تازىلاپ يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇننى تېڭىپ بەرسە، يارىلىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. يالمانقۇلاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئوتتا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۇنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يارىنى تېز پۈتتۈرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#