قوشتولغاي بازىرى
قوشتولغاي بازىرى شىنجاڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ غەربىي شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، ___ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىي چوڭ دەرۋازىسى ھېساپلىنىدۇ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قېزىلما بايلىقى مول، كارخانىلار يىغىلغان، دەسلەپكى قەدەمدە مۇھىم سانائەت قۇرۇلمىسى شەكىللەنگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
غەرب تەرىپى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى گە 42 كىلومېتىر، جەنۇبىي قاراماي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر، شىمالدا ئالتاي شەھىرى 240 كىلومېتىر. تەۋەسىدە قېزىلما بايلىق مول، كۆمۈر، تۇز، ھاك تاش، كۆپمە توپا، كۋارتس قۇمى ۋە نېفىت قاتارلىقلار بار، تارباغاتاي ۋىلايىتى دىكى سانائەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كۆممىقوناق، كېۋەز، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار بار.
قوشتولغاي بازىرىقوشتولغاي بازىرى باشقارمىسى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′57°85 ~ ′00°86، شىمالىي كەڭلىك ′35°46 ~ ′39°46 شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 155 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 6684 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قوشتولغاي بازىر بۇك دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى، رايوننىڭ يەر شەكلى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيسايغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900 ~ 760 مېترغىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگى 825 مېتىر. تۆۋەن ئېقىنى يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، يېرى كەڭ. پۈتكۈل بازار يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس بولۇپ، ئوتتۇرىچە يانتۇلۇقى ‰7؛ غەربىي تەرىپى ئىگىز، شەرقىي تەرىپى پەس، ئوتتۇرىچە يانتۇلۇق نىسبىتى %3.
قوشتولغاي بازىرى تەۋەسىدە توققۇز مەمۇرىي كەنت بار، (بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە دېھقانچىلىق كەنتى، ئىككى چارۋىچىلىق كەنتى)، قوشتولغاي كەنتى، چاچاتۇ كەنتى، چاستولغاي كەنتى، شىتمۇن خابچىك كەنتى، ئۇلانخادا كەنتى، شارىپ كەنتى، سارتۆرە كەنتى، كۆندېلېن كەنتى، يىسنتولغاي كەنتى. بەش مەھەللە قۇياش نۇرى مەھەللىسى، زىئوسى مەھەللىسى، دېلون مەھەللىسى، چاستولغاي كەنتى، ناموتكى مەھەللىسى قاتارلىقلار.
ناھىيە تەۋەسىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقتىن 30 غا يېقىن بار، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆپمە توپا، تۇز، كۋارتسلىق قۇم، تازىلانغان شور، ھاك تېشى قاتارلىق 10 نەچچە خىل قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارى 600 مىليارد توننىدىن ئارتۇق يېتىپ، بېرىللىي ئوكسىدى، بېنتونىت ئاسىيا بويىچە 1-ئورۇندا؛ كۆمۈر، تۇز، كۋارتسلىق قۇم، نېفىت، تەبىئىي گاز، مايلىق سىلانتېس قاتارلىق بايلىقى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؛ مىس، ئالتۇن، كائولىن توپىسى، نېفىت قۇمى تۈرى قاتارلىق مېتال، مېتاللوئىدلارنى ئېچىش ئىستىقبالى پارلاق. مول كان بايلىقى بار بولغاچقا ۋە قاتناشنىڭ قۇلايلىق، بۇنىڭ بىلەن قوشتولغاي بازىرى سانائەت بازىرىغا ئايلانغان، كۆمۈر، ئېلېكتر كۈچى، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، يېنىك سانائەت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان مۇھىم سانائەت بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ۋە مەملىكەت بويىچە مۇھىم كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تۇز ۋە تۇز خىمىيە سانائىتى، بېرىللىي مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بېنتونىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش «تۆت چوڭ بازا» بازىسى.
دۆلەت يولى 217-، ئۆلكە يولى 318، ئۆلكە يولى 225 توغرىسىغا قوشتولغاي بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە تەۋەسىدە كۈيتۈن-بېيتۈن تۆمۈر قوشتولغاي پونكىتى، ئۈرۈمچى-قەشقەر يېڭىشەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، قاتنىشى قولاي، كىشىلەر توپى، ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىغا، رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ____ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.