دانگال
Nitesh Tiwari رېژىسسورلۇق قىلغان، ئامىرخان، Sakshi Tanwar ،Vivan Bhatena قاتارلىقلار باش رول ئالغان ھىندىستان كىنو فىلىمى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى «دانگال» ھىندىستاندا 3 مىليارد 900 مىليون رۇپىيە قىممەت ياراتقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
Nitesh Tiwari رېژىسسورلۇق قىلغان، ئامىرخان، Sakshi Tanwar ،Vivan Bhatena قاتارلىقلار باش رول ئالغان ھىندىستان كىنو فىلىمى.
فىلىمدە قىز-ئوغۇللار باراۋەرلىكى ۋە ئامىرخاننىڭ چېلىشچى قىزلىرى بىلەن بىرگە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاتا بالا مېھىر-مۇھەببىتى ئىنتايىن ئەمەلىي مىساللار بىلەن، تەسىرلىك بايان قىلىنغان.
فىلىمدە ئامىرخان كۆپ خىل سىرتقى بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق 19 ياش، 29 ياشلىق ۋە 55 ياشتىن ئىبارەت ئۈچ دەۋىردىكى ئوبرازنى ياخشى يارىتىپ، باشتىكى ياش چېلىشچىدىن، كىيىن ئىككى قىزىنىڭ ياشانغان تېرىنېرى بولغان.
فىلىمدە ئامىرخان 55 ياشلىق چېلىشچىنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىش ئۈچۈن، 30 كىلوگىرام سەمىرگەن. ئەمما بۇ كىنو «ئامىر خان مۇسكۇلى»نى كۆرىدىغان كىنو ئەمەس، مۇھىمى كىنودا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى مەسىلىسىدۇر.
2016-يىلىنىڭ ئاخىرى «دانگال» ھىندىستاندا 3 مىليارد 900 مىليون رۇپىيە قىممەت ياراتقان.
بوللىۋود ئەر چولپىنى ئامىرخان ياراتقان ماخاۋىر سىگ فوگات ئوبرازى ھەقىقەتەنمۇ ھىندسىتانلىق رېئال شەخس. يەنە كېلىپ ئىككەيلەن رېئال تۇرمۇشتا ئىنتايىن ياخشى دوستلاردىن. ماخاۋىر ئىلگىرى قالتىس چېلىشچى بولۇپ، ياش ۋاقىتىدا ھىندسىتان مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى دۇنيا چېمىپيونىغا ئېرىشىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاچقا، ئوغلىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن ئايالى ئارقا-ئارقىدىن 4 قىز يەڭگىگەن. بىراق شۇ ۋاقىتلاردا ماخاۋىرنىڭ تۆت قىزى ئارىسىدىكى ئۈچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ھېچكىممۇ خىيال قىلمىغانىدى.
ماخاۋىرنىڭ چوڭ قىزى جىتا فوگات، 1988-يىل 15-دېكابىر تۇغۇلغان. 2010-يىلى ئەنگلىيە فېدىراتسىيەسى تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللار 55 كىلوگىراملىقلار بويىچە چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى چېلىشىش چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ئايالغا، تۇنجى قېتىم ياز پەسللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھيىتىگە ئېرىشكەن ئايال چېلىشىش ماھىرىغا ئايلاندى.
ئىككىنچى قىزى بابىتا كۇمارى 1989-يىل 20-دېكابىر تۇغۇلغان. 2014-يىللىق گىلاسگوۋ ئەنگلىيە فېدىراتسىيەسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 55 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئاياللار ئەركىن چېلىشىش تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشىپ، ئىككى قېتىم ئەنگلىيە فېدىراتسىيە چېلىشىش تۈرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئۈچىنچى قىزى رىتۇ فوگات 1994-يىلى تۇغۇلۇپ، 2016-يىللىق سىنگاپور ئەنگلىيە فېدىراتسىيەسى تەنھەرىكەت يىغىنى 48 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئاياللار ئەركىن چېلىشىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
«دانگال» ناملىق كىنودا ماخاۋىرنىڭ چوڭ قىزى جىتا بىلەن ئىككىنچى قىزى بابىتانىڭ رولىنى ئالغان ئارتسىلار. شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۇلار كەسپىي چېلىشچى ئەمەس، بىراق ئۇلارمۇ بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ، تاماشىبىنلارغا ھەقىقىي تۈردىكى ئايال چېلىشىشچىلارنىڭ باتۇرلىقى ۋە ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ بەردى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.