نۇرئەلى ئابلىز

نۇرئەلى ئابلىز

 نۇرئەلى ئابلىز،  يېڭى شەرق مائارىپ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ  بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى  ۋە تەربىيلىگۈچىسى بولۇپ، ئۈرۈمچى دە تۇغۇلغان .

ئۇيغۇرچە ئىسمى نۇرئەلى ئابلىز
باشقا نامى ئېلى
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1989-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
كەسپى ئۇقۇتقۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 努尔艾力·阿不利孜
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى
بوي ئېگىزلىكى 175
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نۇرئېلى ئابلىزنۇرئەلى ئابلىز بولسا بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قابىل ئۈلگىسى بولۇپ،ياشلارغا بەرگەن تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر ياش، ئۇ  يېڭى شەرق مائارىپ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ  بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى  ۋە تەربىيلىگۈچىسى، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.

نۇرئەلى ئابلىز ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ  مەناسى-ۋاقىتنى قانداق باشقۇرۇشتا  دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت»ناملىق كىتابى كەڭ ياشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، قىسقىغىنىە بىر يىل ئىچىدە سېتىلىشى ئىنتايىن تېز بولغان.

نۇرئېلى ئابلىز2010 يىللىق مەركىزى تېلۋىزيە ئىستانسىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى چوڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2-بولغان. بىجىڭدىكى ئالى مەكتەپلەر ئىنگىلىسچە رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسىدە  2-بولغان.

بېجىڭ يېڭى ئۇپۇق ئىنگىلىس مائارىپ مەكتىپىنىڭ مۇنەۋۋەر ئۇقۇتقۇچى شان -شەرىپىگە ئىرىشكەن.

34 تال تەڭگە ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى.

نۇرئەلى ئابلىز

1. ناۋادا مەن ئۇچراتقان كىشىلەردە، مەن كۆرگەن ئىشلاردا، مېنىڭ تۈرتكەم ۋەجىدىن ئازدۇر-كۆپتۇر ياخشىلىق بولسىلا، مەن ئالەمچە خۇرسەن بولغان بولاتتىم...

2.جاھان تولىمۇ كەڭ، قانداق ئادەم بولۇش پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىغا باغلىق. نىشاندىن ئادىشىپ قالغاندا، قاياققىلا ماڭسىڭىز توسالغۇغا ئۇچرايسىز.

3.«ھازىر» تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، بايىلا قىلغان گەپلەر ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. دېمەكچى بولۇنغان گەپلەر كەلگۈسىگە تەۋە. «ھازىر»دا ياشاش ئىككى ئۇچلۇق زىددىيەتكە ئوخشايدۇ، ۋاقىتنىڭ باش ۋە قۇيرۇقلىرىنى كېسىپ تاشلىسىڭىز، ئۇنىڭ نەقەدەر قىسقىلىقىنى بايقايسىز.

4.شۇنداق، ياستۇقنى قىرلاپ ياتساقمۇ بولىدۇ، مېنىڭ ئاساسىم ئاجىز، ئائىلە شارائىتىم خەقنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، ئىشقىلىپ باھانە تېپىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن، ھېچكىم سىزگە قاراپمۇ قويمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئالغا قاراپ ماڭىدۇ. باشقىلار كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندا، سىز يەنىلا يەردە ياتقان بولىسىز، ئۆمرىڭىز جاراھەتلىرىڭىزنى ساناش بىلەن ئۆتۈپ كېتىشى مۈمكىن.

5.ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇمىقى ئەڭ قىيىن، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ، خۇددى تۆگىقۇشتەك، كۆزۈم كۆرمىسىلا بولدى دەپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ.

يۈمىنخۇڭ

يۈمىنخۇڭئەلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى نۆۋەتتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ياشلارغا غەلىبە قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت بىر ئىمكانىيىتىنى كۆرستىپ بەردى: بىر ئادەم ھېچقانداق ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغان تەقدىردىمۇ، كېچە-كۈندۈز بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە تايىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، مەلۇم بىر ساھەدە نەتىجە قازىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىگە تەۋە بىر دۇنيا يارىتالايدۇ. — يۈمىنخۇڭ

چېن لۇيۈ

چېن لۇيۈمەن ئالدىراپ يىغلىمايدىغان ئادەم. لېكىن، ئەلىنىڭ نۇتۇقى مېنى يىغلاتتى. يۈرىكىم ئاغرىدى، دېگەندىن كۆرە، تەسىرلەندىم، پەخىرلەندىم دېگىنىم تۈزۈك. ئىنگلىز تىلى مېنى بىر پۈرسەتكە ئېرىشتۈرگەنىدى، ئەمما ئەلى لېكسىيە سۆزلەش، ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ـ چېن لۇيۈ

خۇاڭ لېي

خۇاڭ لېي

ئادەمنى ئۇتۇق قازىنىشقا يېتەكلەيدىغان بىر خىل تەپەككۈر ئۇسۇلى بار. «سىزنىڭ ئىگە بولغىنىڭىز 365 كۈن ئەمەس، بەلكى 8760 سائەت»، مانا بۇ دەل شۇ خىل تەپەككۈر، بۇنداق ياخشى تەپەككۈر ۋە ئۇسۇل بىلەن ياشىغان ئادەم ئۈچۈن غايە ھەرگىز بىر چۈش ئەمەس. ـ خۇاڭ لېي

دا بىڭ

دا بىڭمەن ئەلىنىڭ پىروگراممىلىرىنى مەخسۇس كۆرۈپ باققان. ئۇ، ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئادەم. باشلىنىش نۇقتىمىز ئوخشىمايدۇ، بېشىمىزغا كەلگەن قىسمەتلەر ئوخشىمايدۇ. ئەمما، ھېچكىمنىڭ غايىسىنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. تىللاردا داستان بولغۇدەك ياشىغىڭىز بارمۇ؟ ھەقىقىي ھېكايە ھەممىنى ئۆزى سۆزلەيدۇ، ئەلىنىڭ غايە يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى مېنىڭچە سىزنىڭ كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. ـ دا بىڭ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئەلپىدا ئۇچۇر تورى

http://www.uchur.com/?act=view&id=11431

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (17 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    47.1%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    11.8%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    17.6%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    5.9%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    17.6%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#