ئوزونوسفېرا

ئوزونوسفېرا

يەر يۈزىدىن 20-25 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئوزون مالېكۇلالىرى نىسبەتەن كۆپ توپلانغان بولغاچقا، بۇ قاتلام ئوزونوسفېرا دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئوزونوسفېرا
تەركىبى ئوزون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوزونوسفېرا (ئاتموسفېرانىڭ ئوزون قاتلىمى) يەر يۈزىدىن 20-25 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئوزون مالېكۇلالىرى نىسبەتەن كۆپ توپلانغان بولغاچقا، بۇ قاتلام ئوزونوسفېرا دەپ ئاتالغان. ئوزونوسفېرا قۇياش نۇرىدىكى كۆپ ساندىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلارنى سۈمۈرۈپ، يەرشارىدىكى ھاياتلىقنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن قوغداپ قالغاچقا، ئوزونوسفېرا يەنە يەرشارىدىكى ھاياتلىقلارنىڭ <مۇھاپىزەت كۈنلۈكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاۋا تەڭشىگۈچ، توڭلاتقۇ، زىيانداش ھاشارەت يوقاتقۇچى دورىلار، ئوت ئۆچۈرگۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا كېرەكلىك خام ماتېرىيال - فىتور، خىلورلۇق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى كۆپ مىقداردا ھاۋاغا قويۇپ بېرىلدى. ئۇلار ھاۋادا ئىسسىقلىق تەسىرىدىن پارچىلانغاندىن كىيىن، ھاۋادىكى خىلور ئاتومى ئوزون مولېكۇلاسى بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ ئوزونوسفېرا قاتلىمىنى بۇزغۇنچىلىقققا ئۇچراتتى. بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، نۆۋەتتە جەنۇبىي قۇتۇپ ھاۋا بوشلۇقىدا بىر چوڭ ئوزون كاۋىكى پەيدا قىلدى. ئوزونوسفېرانىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئوزون تەركىبى ئازىيىپ كەتسە، يەر يۈزىگە چۈشىدىغان قۇياش ئۇلترا  بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى كۈچىيىپ كېتىپ، تېرە راكىغا گىرىبتار بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ زىيادە كۆپ بولغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق رادىياتسىيە زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ، فوتوسېنتىز رولىنى تورموزلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ؛ كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق رادىياتسىيە يەنى سۇدىكى مىكرو ئورگانىزىملارنى ئۆلتۈرۈپ، بەزى تۈرلەرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئوزونوسفېرانى قوغداش ئۈچۈن، 1995-يىلىدىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىنى <خەلقئارا ئوزونوسفېرا قوغداش كۈنى> قىلىپ بېكىتتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بىلىم كۈچ ژورنىلى 2015-8-سانى جۈرئەت ھەبىبۇل تەرجىمىسى: ئاتموسفېر

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#