شەلمىربوخ يېزىسى

شەلمىربوخ يېزىسى

شەلمىربوخ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى قارمىقىدىكى يېزا، خېجىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا شىمالى، قايدو دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى شەلمىربوخ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 141 كۋادرات كىلومېتىر
يەر شەكلى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيپاش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 协比乃尔布呼乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى
نوپۇسى 5672 ئادەم
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1058-1065 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەلمىربوخ يېزىسىشەلمىربوخ يېزىسى خېجىڭ ناھىيەسى قارمىقىدىكى يېزا، خېجىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا شىمالى، قايدو دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى نەمىنمودۇن يېزىسى، شەرقىي تايىنىپ خوشۇت ناھىيەسى، جەنۇپتا قارا شەھەر ناھىيەسى، غەربىي تەرىپى ئۇلاستاي دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي قارا شەھەر ناھىيە بازىرىغا 9 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئەڭ ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر، غەربىي شىمال ئەڭ كەڭلىكى 9 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 141 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 19 مىڭ مو.

شەلمىربوخ يېزىسىغا قاراشلىق قارمىقىدا ئىككى مەمۇرىي كەنىت، 13 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 15 پونكىت ئورنى ۋە مەكتەپلەر بار. پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 5672 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 4795 ئادەم. خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 141 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 30 مىڭ مو. 2007-يىلى يېزا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 50 مىليون 28 مىڭ يۈەن، 2006-يىلى 39 مىليون 395 مىڭ 800 يۈەن، 10 مىليون 632 مىڭ 200 يۈەن كۆپەيگەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4680.46 يۈەن، 2006-يىلى 4164.45 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە 160 يۈەن كۆپەيگەن.

تېرىقچىلىقى 

شەلمىربوخ يېزىسىئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا دېھقانلارنىڭ بازارنى يېتەكچى قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ قىزىلچا، پەمىدۇر ئىككى چوڭ تۈۋرۈكى زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمىنى يېتەكلەپ، كېۋەز، قىزىلمۇچ، زىرە تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇۋاپىق مىقداردا داۋاملىق كېڭەيتىلگەن. كەڭ سۇلياۋ يوپۇق كېۋەز، پەمىدۇر مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تېرىش، پىگمېنتلىق مۇچ تېرىش قاتارلىق تېخنىكىلار سانائەتتە يېتىشتۈرۈلگەن. 2007-يىلى ئاشلىق زىرائەتلىرى كۆلىمى 2685 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 2500 مو، كۆممىقوناق 185 مىڭ مو؛ ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى 17615 مو، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىلچا 4200 مو، پەمىدۇر 4200 مو، كېۋەز 4067 مو، قىزىلمۇچ 1798 مو، زىرە 1750 مو، گازىر تاۋۇز 1100 مو، ئاق گازىر 350 مو، باشقا زىرائەتلەر 150 مو.

چارۋىچىلىقى 

شەلمىربوخ يېزىسىدېھقانلارنىڭ بورداقچىلىقنى چىڭ تۇتۇشى دېھقان، چارۋىچىلار كىرىمىنى كۆپەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبرىلىرىدىن بىرى بولۇپ، سورتنى ياخشىلاش، پادا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن. كۈزدە تۇغۇلغان قوزا ئەي بولۇش نىسبىتى، دەسلەپكى قەدەمدە «ھەممە ئائىلىنىڭ باقمىچىلىق، ھەممە بورداش» ئەندىزىسى شەكىللەنگەن. چارۋا ماللارنىڭ تۇياق سانى 11199 تۇياق، بۇلار ئىچىدە چوڭ چارۋا 1408 تۇياق (دانە)، ئۇششاق چارۋا 9791 تۇياق (دانە)، چارۋىنىڭ چىقىم قىلىنىش نىسبىتى %99 گە، تاۋار نىسبىتى %95 كە يەتكەن. ئۆي ھايۋانلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە نىسبىتى %100 كە يەتكەن. 

باغۋەنچىلىكى 

ئېكولوگىيە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، باغۋەنچىلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال ئىلھام بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورماندىكى كېسەللىك-زىيانداش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى پائال ئوبدان تۇتۇپ، مېۋە سۈپىتى بىلەن تاۋارلىشىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. 2007-يىلى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن يېزا ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسى148 مىڭ مو، يېزا ئەمەلىي جىرىم تىكىش ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 320.2 مو، پارچە يەرلەرگە 12 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن.

2-، 3-كەسىپ

شەلمىربوخ يېزىسىتىرانسپورت كەسپىنى باشلامچى قىلغان 2-، 3-كەسىپلەرنى پەيدىنپەي راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىلىشى ئاللىقاچان مۇئەييەن كۆلەم ھاسىل قىلغان.

يېزا بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرى، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى دېھقان، چارۋىچىلار كىرىمى بىر قەدەر تېز ئاشقان. 2007-يىلى كېڭەيتىلىپ ياسىغان كۈن نۇرى پارنىك جەمئىي سەككىز ئائىلە، يېڭىدىن 10 سۇلياۋ پارنىك ياسىلىپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5 مو. ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە ھەر بىر لاپاسقا 2000 يۈەند، يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەر برى پارنىك ئۈچۈن 1000 يۈەندىن ياردەم بەرگەن.

شەلمىربوخ يېزىسىيېزا بويىچە ھازىر بار بولغان بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 2-باشلانغۇچ مەكتەپ (ئۇيغۇر، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ)، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلەر 73 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 2659 نەپەر ئوقۇغۇچى بار. 

بىر شىپاخانا، ئەمەلىي بار تېببىي خادىملار 10 نەپەر، 12 كېسەل كارىۋىتى، ئېلېكتروكاردىئوگراممىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

يېزا ئىچىدە پوچتا-تېلېگراف كەسپى بىر قەدەر ئومۇملاشقان، %98 ئاھالىسى تېلېفون ئورناتقان. ھەمدە قارا شەھەر دەرياسى بويىدىكى ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، ئاپتاپ ئارىلى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار.

يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان ئۈچ ئۇن زاۋۇتى، ئىككى ياغ زاۋۇتى، رېمونتخانا تۆت، دۇكان 10، ئاشخانا ئىككى، چۈچۈك بۇيا زاۋۇتى، پاراشوكى زاۋۇتى بىر، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش نۇقتىسىدىن بىرى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ترانسپورت شىركىتىدىن ئىككىسى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#