ئاقتام يېزىسى
ئاقتام يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، پوسكام ناھىيەسى بىلەن نېفىت بازىسى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقتام يېزىسى پوسكام ناھىيەسى بىلەن نېفىت بازىسى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان. يېزا بويىچە 23160 مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە باغۋەنچىلىك 22 مىڭ مو.
ئاقتام يېزىسى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاق تام» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پوسكام ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب 13 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىت مەنبەسىنى چارلاش-ئېچىش شىركىتى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى پوسكام باغ بازىرىغا 4 كىلومىتىر بولۇپ، شەرقىي بىلەن سەيلى يېزىسى، پوسكام ناھىيەلىك تەرەققىيات رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ جەنۇبىي تەرىپى كۈيباغ يېزىسى ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى، غەربتە يەكەن دەرياسى بىلەن يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ؛ شىمال تەرىپى يەكەن دەرياسى ۋە ئايكۆل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 59.52 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 33 مىڭ مو، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، سۇ مەنبەسى مول، تۇپراق نىسبەتەن ئۈنۈمسىز. نوپۇس 6016 ئادەم، قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، 33 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، ھازىر 15 پارتىيە ياچېيكىسى، 342 پارتىيە ئەزالىرى، 13 نەپەر ئۈچ پېشقەدەم خادىملار، «بەشتە ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى» دىن 7 سى، ئاللىقاچان بەرپا قىلىپ ئامما رازى بولغان پونكىت-كوپراتىپدىن 5 ى، بەشتە ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ٪87.5 گە يەتكەن.
ئاقتام يېزىسى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە 2-، 3-كەسىپ ئاساسىدا نۇقتىلىق تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ چىلان كەسىپلىرىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق كېڭەيتىش، چىلان تېرىش كۆلىمىنى كۈچەيتىپ باشقۇرۇش ۋە ماركېتىڭ جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان چىلان كۆلىمى 15000 مو، بۇلار ئىچىدە 1500 مو مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىپ بولغان.
چارۋىچىلىق بويىچە «ئىككى چوڭ ئالاھىدە» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قوي، كالا ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقنى كۈچەيتىپ، بىر يىلدا قولدىن چىقىرىلغان چارۋىلار 16 مىڭ تۇياق (دانە)، قوتاندىكى چارۋىلار 19000 تۇياققا يەتكەن. ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق رايونى توخۇ بېقىش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلارنى مىقدارى 140 مىڭ دانە، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 139 دانە.
ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە ھازىرقى پارنىكلاردىن 93 ى، ئەگمە لاپاس 40 بۇلۇپ، ئاساسلىقى كۆكتات، مېۋە-چېۋە بۇلۇپ، مو بېشى ئۈنۈمى 4000 يۈەن. مۆلچەرلىنىشىچە يىل ئاخىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 36 مىليون 60 مىڭ يۈەن بولۇپ، %17.5 ئاشقان. دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2883 يۈەن، كۆپەيگەن كىرىم 260 مىليون يۈەن.
ھازىر ئاقتام يېزىسى كېۋەز تېرىش پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، ئاساسلىق زىرائەت سورتى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، زىرە، كۆكتات، مېۋىلىك باغ؛ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسىپ كۆلەملەشكەن بۇلۇپ، ئاساسلىق تېرىلغان سورت چىلان، ياڭاق قاتارلىقلار بار، گەۋدىلىك بولغان چىلان كەسىپلىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سورتلۇق باغ قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، چىلان تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى قۇرغان. چىلان كوپىراتىپىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئورمان باشقۇرۇش تېخنىكا قائىدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن بۇلۇپ، يېڭى چىلان 6000 مو، 2 مىليون 130 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن، ئۇلاپ 760 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. بۇنىڭ بىلەن يېزا چىلان تېرىلغۇ كۆلىمى 25 مىڭ موغا يېتىپ، 3 مىليون 930 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كىرىمى %37، مىليون 140 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.9 ئېشىپ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4750.2 يۈەن، يىلدىكىدىن 2703.5 يۈەن كۆپەيگەن.
2010-يىلى ئاقتام يېزىسى كۈل رەڭ چىلان ئارقىلىق تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي كەسىپ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، چىلان ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەش، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، يېڭى پېتى ساقلاش بازىسى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، تېرىش، ئاسراش، بازار، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان ھەممە تەرەپلەر يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېسىل چىلان ماكانى دېگەن نامى بار.
ئاقتام يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى ئەۋزەل، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، ئىجتمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاقتام يېزىلىق پارتكوم ھۆكۈمەت ئىگىلىك تىكلىگىلى كەلگەن تەشكىلات ۋە شەخس ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشى بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلىنىشى گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا تىرىشىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.