لىناردو دىكاپىريو

ھوللىۋودتىكى ئەركە بايۋەتچە لىناردو دىكاپىريو

ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى، خەلقئارالىق گىگانىت چولپان (Leonardo Wilelm DiCaprio) لىناردو ۋىلېلىم دىكاپىريو، 1974- يىلى 11- ئاينىڭ  11- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ لوس ئەنجىلىس شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ‹‹بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى›› ۋە ئامېرىكا كىنوچىلىقى ‹‹ئالتۇن شار مۇكاپاتى›› بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1997- يىلى قويۇلغان ‹‹تىتانىك›› فىلىمىدە ياراتقان جەك ئوبرازى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داڭ قازانغان ھەمدە ھوللىۋودتىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى لىناردو دىكاپىريو
باشقا نامى Leonardo DiCaprio
يۇرتى لوس - ئانژېلېس
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى B
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莱昂纳多·迪卡普里奥
دۆلەت تەۋەلىكى ئامرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1974-يىل11-ئاي11-كۈن
بوي ئېگىزلىكى 1.83 سانتىمىتىر
كەسپى ئارتىس ، فىلىم ئىشلىگۈچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى، خەلقئارالىق گىگانىت چولپان لىناردو ۋىلېلىم دىكاپىريو (Leonardo Wilelm DiCaprio) – 1974- يىلى 11- ئاينىڭ  11- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانگېلېس شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ‹‹بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى›› ۋە ئامېرىكا كىنوچىلىقى ‹‹ئالتۇن شار مۇكاپاتى›› بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1997- يىلى قويۇلغان ‹‹تىتانىك›› فىلىمىدە ياراتقان جەك ئوبرازى بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داڭ قازانغان ھەمدە ھوللىۋودتىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 2006- يىلى، ‹‹تۇيۇق يولدىكى چاپقۇن››، ‹‹قانرەڭ ئالماس›› قاتارلىق ئىككى فىلىمى بىلەن ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس تاللاش تۈرىدە ئىككى قېتىم ئىسمى ئاتالغان ھەمدە تارىختىن بۇيانقى بىر نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئىككى قېتىم ئىسمى ئاتالغان تۇنجى چولپان بولۇپ قالغان. 2010- يىلىدىكى ‹‹چەكلەنگەن ئارال››، ‹‹چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى›› قاتارلىق ئىككى فىلىمى بىلەن ناھايىتى زور بىلەت كىرىمى ياراتقان ھەمدە زور تەسىر پەيدا قىلغان.

لىناردو دىكاپىريولىناردو دىكاپىريو – بويى 1.85 مېتىر، قەددى قامىتى كېلىشكەن، مۆتىۋەرلەرگە خاس سالاپەت، ئەركەكلەرگە خاس جاسارىتى بىلەن مەيلى كەسىپداشلىرى ياكى باشقا ساھەدىن بولسۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ناھايىتى يۇمۇرسىتىك خاراكتىرگە ئىگە، بالىلىق چاغلىرىدىكى بەڭباشلىقى ھەم شوخلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. لىناردونىڭ دادىسى ئىتالىيەلىك بولۇپ، ئىسمى جون، چاتما رەسىم نەشىر سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاپىسى ئىلېلىن گېرمانىيەلىك بولۇپ، ياردەمچى ئادۋۇكات ئىدى. ئۇلار لىناردو تۇغۇلغان چېغىدا ئاجىرشىپ كەتكەن. لىناردو ئىزچىل ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرغان، دادىسى بىلەن ھەپتە ئاخىرىدا بىللە بولاتتى. گەرچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان ھەمدە لىناردونىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يامان تەسىر بەرمىگەن. لىناردو ياش چاغلىرىدا ئىنتايىن بەڭباش ھەم شوخ بولۇپ، ھەمىشە ئادەتكە ئايلانغان ئىشلارنىڭ تەتۈرىسىنى قىلىپ يۈرگەن. ئۇ رولغا چىققان نۇرغۇن فىلىملەردە بىز ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭ ئۈگەي ئانىسى بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەكچىسى، ئاتا باشقا، ئانا بۆلەك ئىنىسى ئادام بولسا بىر ناخشىچى ۋە ئارتىس.

‹‹تىتانىك›› فىلىمىدە روسسى ئوبرازىنى ياراتقان ئارتىس كەيت ۋىنىسلىت بىلەن لىناردو ناھايىتى ياخشى دوسىتلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رىژىسسور كامروننىڭ قارىشىچە، كەيت ئەستايىدىل ۋە كەسكىن، لىناردو بولسا بەڭباش ھەم ئويۇنچى؛ ‹‹تىتانىك›› فىلىمىدىكى جەك بىلەن روسسىنىڭ سۆيۈشىدىغان كۆرۈنۈشىنى ئالىدىغان چاغدا، كەيت ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن لىناردودىن چىشىنى چوتكىلىغان ياكى چوتكىلىمىغانلىقىنى سورىغاندا، لىناردو شوخلۇق بىلەن: ‹‹چىشىمنى چوتكىلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى بايىلا ئىككى پارچە پىسا يىدىم، يەنە ئۈچ تال تاماكا چەكتىم›› دەيدۇ. بۇ سۆزلەرنى راسىت دەپ قالغان كەيت ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ كەتكەندە، لىناردو ئۇنىڭ يېنىدا ھىجايغان پېتى تۇرىۋەرگەن.

    ‹‹ئۆمۈچۈك پالۋان-3››دىكى ئەر باش ئوبرازىنى ياراتقان ئارتىس توبى مەجرۈي لىناردونىڭ يەنە بىر يېقىن دوستى بولۇپ، ئۇ لىناردونىڭ تەۋىسىيە قىلىشى بىلەن بۇ فىلىمگە تاللانغان. توبى توي قىلغاندا سىرىتتىن پەقەتلا لىناردونى تەكلىپ قىلغان. توبىنىڭ ئانىسى: ‹‹ئىككىسى بۇرۇن بىر كارۋاتتا يېتىپ ئۇخلايتتى، بەكلا ساددا ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى ھەمجىنىس دىگەن بولسىمۇ، لېكىن پەرۋايىغا ئالمايتتى›› دىگەن. ئۇلار بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بىرسى چاقچاق قىلىپ: ‹‹ئىككىسى ھەمجىنىس بولمىغىنى بىلەن دائىم مۇھەببەتلەردەك ئۇچۇرشۇپ تۇرىدۇ›› دىگەن.

    لىناردو ناھايىتى جەلىپكار ھەم شوخ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرىدىغان قىزلار ئەلۋەتتە ناھايىتى كۆپ. خۇددى ‹‹ئوغرىغا مال كەم بولماپتۇ›› دىگەندەك، لىناردومۇ ئۇچراپ تۇرىدىغان قىزلاردىن تاللاپ تۇرۇپ ئارلاشقان. ئۇ 1994- يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 9 قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. ئۇلارنىڭ يەتتىسى مودىل، ئىككىسى ئاكتىيور؛

    لىناردونى ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ئەتۋارلاپ چوڭ قىلغان، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باققان. گەرچە ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋىگە ئاپىرىپ ئەڭ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمان بولۇشى پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۈگىنىشكە، بولۇپمۇ ماتىماتىكىغا زادىلا قىزىقمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا كىنوچىلىقتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللىۋالغان. ئۇ دەسلەپتە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رولغا چىققان بولسا، كېيىن بۇ كەسىپكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلگەن.

لىناردو بەش يېشىدا بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رولغا چىققان. 10 ياشقا كىرگەن چېغىدا ئۇنىڭ چولپان بولۇش ئارزۇسى بەربات بولۇشقا تاس قالغان. بىر ۋاستىچىلىك شىركىتى ئۇنىڭ چاچ پاسونى ۋە ئىسمىنى ياقتۇرمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئىسمىنى لانى ۋىللىيامىسقا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەن. لىناردو 12 ياشقىچە 50 قېتىمدىن ئارتۇق يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقان ھەمدە رەت قىلىنغان. 14 ياشقا كىرگەن چېغىدا بىر ۋاستىچىلىك شىركىتى ئۇنى قوبۇل قىلغان ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رولغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

    1990- يىلى، لىناردو 16 ياشقا كىرىدۇ ھەمدە ‹‹چوڭ بولۇشنىڭ دەردى›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئىگە-چاقىسى يوق سەرگەردان لۇكنىڭ رولىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ فىلىمدىكى رول ئېلىش ماھارىتى ئەر باش پىرسوناژنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمدىكى ئىپادىسى بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىدە مەزمۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس تىكلەيدۇ. 1991- يىلى، ئۇ ‹‹ئالۋاستى3››، ‹‹تاشقى پىلانتنىڭ تۇتۇش بۇيرىقى›› قاتارلىق ئىككى فىلىمدە رول ئالىدۇ. 1992- يىلى ‹‹زەھەرلىك پىچەكگۈل››دە رول ئالىدۇ.

    1993- يىلى، لىناردو ‹‹بولمىسا باشتىن باشلايلى›› ناملىق فىلىمدە ھوللىۋودتا ‹‹ئارتىسلارنىڭ سۇلتانى››دەپ نام ئالغان روبرىت دىنىرو بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمدە ئاتىسىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ، قاتتىق ئازاب ئىچىدە ياشايدىغان بىر بەخىتسىز ياشنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. ئۇ موشۇ فىلىمدىكى رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن كەڭ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. روبرىت دىنىرو ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلاشقۇچىسى بىلەن پاراڭلاشقاندا لىناردونى قاتتىق ماختاپ بېرىدۇ. ئۇ شۇ يىلى يەنە ‹‹ئوخشىمايدىغان ئاسمان›› فىلىمىدە ئەقلى كەمتۈك بىر پىرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدۇ. لىناردو ئۆزىنىڭ تەبئىي بولغان رول ئېلىش تالانتى بىلەن 1994- يىلى ‹‹ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر يانداش ئەر ئارتىس››نىڭ نامزاتى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى.

    1995- يىلىدىن كېيىن لىناردو يەنە بىر قاتار فىلىملەردە رول ئالىدۇ ھەمدە بۇ جەريانىدا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، رىقابەتلىشىدۇ ۋە ھەقىقىي بىر چولپان بولۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ.

    1996- يىلى، لىناردو ‹‹رومىيو بىلەن جۇلىتتا›› فىلىمىدە رومىيو ئوبرازىنى يارىتىدۇ ھەمدە بۇ فىلىمدىكى ئۆزگىچە ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن بېرلىن خەلقئارا كىنو فىستۋالىدا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

    لىناردونى دۇنياغا تونۇتقىنى يەنىلا ‹‹تىتانىك›› ناملىق فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىم ئىشلەنگەندىن كېيىن 11 تۈر بويىچە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بېلەت سېتىش رىكوردى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. لىناردومۇ بۇ فىلىمدىكى جەك ئوبرازى بىلەن ‹‹ئەسىر ئاخىرىدىكى بېلەت كىرىمى بومبىسى›› دەپ شۆھرەتلىنىدۇ. ‹‹تىتانىك›› فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىش باسقۇچىدا رىژىسسور جېيمىس كامرون لىناردودىن ئانچە رازى ئەمەس ئىدى، ئۇ ھەتتا لىناردوغا ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم سۈپىتىدە: ‹‹سېنىڭ بۇرۇن ياراتقان ئوبرازلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە چۈشكۈن ۋە ئەسەبىي ئوبرازلار، لېكىن بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ›› دىگەن. لىناردومۇ كامروننىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى ‹‹نورمال ئادەم›› ئوبرازىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك يارىتىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.

    لىناردو بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان ئايال ئارتىسلار ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، لىناردو مەردانە، خۇشخۇش، ئاقكۆڭۈل ۋە جەلىپكار بىر كىشى ئىكەن.

    2000 - يىلدىن كېيىن لىناردو ‹‹ساھىل››، ‹‹قانۇننىڭ سىرتىدا››، ‹‹نيۇيوركتىكى قاراقوللار››، ‹‹ئۇچقۇچى››، ‹‹تۇيۇق يولدىكى چاپقۇن››، ‹‹قانرەڭ ئالماس››، ‹‹چەكلەنگەن ئارال››، ‹‹چۈش ئوغۇرلاش بوشلۇقى›› قاتارلىق بىر قاتار نادىر فىلىملەرگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش تالانتىنى نامايەن قىلدى شۇنداقلا ناھايىتى زور بولغان بېلەت كىرىمگە ئىگە بولدى. 2011- يىلى فۇربىس ژورنىلى ئېلان قىلغان ھوللىۋودتىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتالايدىغان ئارتىسلار قاتارىدا، لىناردو 70 مىلىيون دوللارلىق كىرىمى بىلەن رەتنىڭ بېشىغا تىزىلدى ھەمدە ھوللىۋودنىڭ ‹‹تىللا دەرىخى›› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

    لىناردو ھەققىدە يەنە بىر قىزىقارلىق ھېكايە بار. لىناردو ئانىسىنىڭ قورسىقىدا 6 ئايلىق بولغان چېغىدا، ئانىسى لىناردو داۋىنچىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە بارىدۇ. بۇ چاغدا قورساقتىكى لىناردو ئانىسىنىڭ قورسىقىغا تېپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا لىناردو دىگەن ئىسىمنى قويۇش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لىناردو كىچىك چېغىدا باشقىلار ھەمىشە ئۇنى قىز بالا دەپ قالاتتى. ئانىسى ئۇنىڭغا رەڭدار كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قوياتتى. لىناردو كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ئۇزۇن چاچ قويۇپ، چېچىنى ئۆرۈپ يۈرگەن.

    لىناردو كەسپىي ھاياتىدا 50 كە يېقىن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتناشقان، بۇلارنىڭ ئون نەچچىسىگە ئۆزى فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان. ئوسكار مۇكاپاتىدا ئۈچ قېتىم نامى ئاتالغان، ئالتۇن شار مۇكاپاتىدا 9 قېتىم نامى ئاتالغان، ئامېرىكا ئارتىسلىرى ئىشچىلا ئۇيۇشمىسى مۇكاپاتىدا ئۈچ قېتىم نامى ئاتالغان، رادىيو –كىنو شەخىسلىرىنى باھالاش ئۇيۇشمىسى مۇكاپاتىدا ئۈچ قېتىم نامى ئاتالغان، بېرلىن خەلقئارا كىنو فىسىتۋالىدا بىر قېتىم مۇكاپاتلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك كىنو-تېلۋىزىيە مۇكاپاتىدا 16 قېتىم مۇكاپاتلانغان ياكى نامى ئاتالغان. ئۇ ئېرىشكەن شان-شەرەپلەر 35 خىلغا يېتىدۇ.

  ‹‹ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە ئەمەلىي كۈچى بىلەن ھوللىۋود سەھنىلىرىدە مەزمۇت تۇرىۋاتقان، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر فىلىملىرى بىلەن مەستانلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان لىناردو راستىنلا دەم ئېلىشقا چىقامدۇ؟›› دىگەن بۇ ئۇ 86- نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدا ‹‹ئەڭ نادىر كىيىم-كېچەك لايىھەسى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ‹‹قالتىس گەيتىسبى›› ناملىق فىلىمى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. 2014- يىلى 1- ئايدا، ئۇ ‹‹ۋال كوچىسىدىكى بۆرە›› فىلىمىدە ياراتقان قالتىس ئوبرازى بىلەن ‹‹ئالتۇن شار مۇكاپاتى››دىكى ‹‹ئەڭ نادىر ئەر ئارتىس›› دىگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#