يېڭىتام يېزىسى
يېڭىتام يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېڭىتام يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقتە بايتوقاي يېزىسى، جەنۇبتا ئىلى دەرياسى، غەربتە ئارائۆستەڭ يېزىسى ۋە دولان دېھقانچىلىق مەيدانى، شىمالىدا ئونيار يېزىسى، شەرقىي شىمالدا ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى بىلەن چېگرالانغان.
يېڭىتام يېزىسىدا 5334 ئائىلە بار، ئومۇمىي نوپۇسى 24075 ئادەم، ئۇيغۇر، توگو، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق ئون مىللەت ئولتۇراقلاشقان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، مىڭبېشى تەسىس قىلىنغان. ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە، 8-رايون دەپ ئاتالغان.
1952-يىلى، 4-رايون دەپ ئاتالغان.
1954-يىلى، 5-رايون دەپ ئاتالغان.
1958-يىلى، تيانشان خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، قارىمىقىدا ئالتە چوڭ ئەترەت بولغان.
1972-يىلى 10-ئايدا، بايتوقاي ۋە ئارائۆستەڭ گۇڭشېسى تەسىس قىلىنغان.
1978-يىلى تۇرۇشلۇق جاي نامى بويىچە يېڭىتام گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان، قارمىقىدا يەتتە چوڭ ئەترەت بولغان.
1979-يىلى 10-ئايدا، گۇڭشې ئورگىنى يېڭىتام كەنتىدىن، قارا سۇ كەنتىگە كۆچۈرۈلگەن، كېيىنكى يىلى 2 چوڭ ئەترەت كۆپەيتىلگەن. 1984-يىلى، ئۇنىڭ نامى يېڭىتام يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۆلكە يولىنىڭ 220-لىنىيىسى غەربتىن شەرققە قاراپ ئۇنىڭ چېگرىسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، ئايىڭ تاشيولىنى بويلاپ، دۆلەت يولى 218-لىنىيىسى ۋە جىمەي تاشيولى بىلەن ناھىيە بازىرىغا بارغىلى بولىدۇ، قاتناش قۇلايلىق.
يېڭىتام يېزىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئان 81°45′46″، شىمالىي كەڭلىك 43°44′64″. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 122 كۋادرات كىلومېتىر. يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 50 كىلومېتىر.
ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، يەر شەكلى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ تەكشى قىيسايغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 680 مېتىردىن 740 مېتىرغىچە، ئوتتۇرا غەربىدە بىر جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان توپىلىق چاقما تاشلىق تىك داۋان بار، جەنۇب ۋە شىمالىدا ئىككى كىچىك تېرىلغۇ يەر رايونى بار. يەر شەكلى ھەممىسى تۈز، يانتۇ تېرىلغۇ يەرنىڭ ئاستىدىكى سۇ ئورنى يۇقىرى.
يېڭىتام يېزىسى قارىمىقىدا 42 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. قارمىقىدىكى 9 كەنت: ئاقتام كەنتى، بورىچى كەنتى، تۆۋەنكىئون كەنتى، تۆۋەنكى تام كەنتى، مۇرات كەنتى، يېڭىتام كەنتى، بورىچى ئۈچئون كەنتى، قاراسۇ كەنتى، شاخلا كەنتى قاتارلىقلار.
يېڭىتام يېزىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.5، ھۆل-يېغىن مىقدارى 340 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىل 163 كۈن، تەۋەسىدىكى ئوتلاق كۆلىمى 502 مىڭ 800 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك ئوتلاق 434 مىڭ 400 گېكتار.
يېڭىتام يېزىسىدا ئاشلىق-زىرائەتلەردىن ئاساسلىقى: بۇغداي، سېرىق پۇرچاق، قوناق، قىزىلچا، قىچا قاتارلىق ياغلىق زىرائەتلەر بار.
چارۋىچىلىق بايلىقىدىن ئاساسلىقى: ئەنگلىيە سىيىرى، قوي، ئۆچكە، بۇغا-مارال، تۆگىقۇش قاتارلىقلار بار.
ياۋايى ھايۋانلاردىن بۇغا، يىلپىز، ئېيىق، ياۋا توڭگۇز، كۇسۇل بۇغىسى، ئارقار قاتارلىقلار بار.
يېزا تەۋەسىدە 2400 مو بېلىق كۆلچىكى بار، ئاساسلىق تۈرلىرىدىن ئاساسلىقى: كارپ بېلىقى، تاپانبېلىقى، كاراس بېلىقى، ئامورسوم بېلىقى قاتارلىقلار بار.
يېڭىتام يېزىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئىلى دەريا بويىدا 10 مىڭ مو يەردە ئىككىلەمچى ئورمان بار، ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسلىقى: ياۋا جىگدە، جىغان، چاتقال قاتارلىقلار بار.
يېڭىتام يېزىسىدا ھويلا-ئارام سەيلىگاھى تەسىس قىلىنغان، سۇ بويى ئارامگاھىدا ساياھەت مەنزىرە نوقتىسىدىن 10 بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.