بەلدىر يېزىسى

بەلدىر يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يانتۇلاشقان، پۈتكۈل يېزىلىق ھۆكۈمەت خۇددى بىر تاغار شەكلىگە ئوخشايدۇ، شەرقىي تەرىپى ساي، غەربىي تەرىپى تاشقورغان يېزىسى بۇلۇپ، جەنۇبتا ۋەچە يېزىسى، شىمالىي تەرىپى تاغارما يېزىسى. ئومۇمىي كۆلىمى 5763 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.  

ئۇيغۇرچە نامى بەلدىر يېزىسى
يەر مەيدانى 5763 كىۋادىرات كىلومېتىر
جۇغراپىيەلىك ئورنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى شەرقىي قىسمى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە نامى 班迪尔乡
نۇپۇسى 1423 ئادەم
كىلماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەلدىر يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يانتۇلاشقان، پۈتكۈل يېزىلىق ھۆكۈمەت خۇددى بىر تاغار شەكلىگە ئوخشايدۇ، شەرقىي تەرىپى ساي، غەربىي تەرىپى تاشقورغان يېزىسى بۇلۇپ، جەنۇبتا ۋەچە يېزىسى، شىمالىي تەرىپى تاغارما يېزىسى. ئومۇمىي كۆلىمى 5763 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قىش پەسلى ئۇزۇن، ياز پەسلى مۆتىدىل، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، يىللىق قىروسىز مەزگىلى 100 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. 

بەلدىر يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان، 2004-يىلغا كەلگەندە پۈتۈن يېزا بويىچە 307 ئائىلىلىك بار بۇلۇپ، نۇپۇس سانى 1423 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك مىللىتىدىن 1408 ئادەم، خەنزۇ مىللىتىدىن 13 ئادەم، ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىككى ئادەم بار. 

بەلدىر يېزىسىنىڭ ئەسلىي نامى"زوراۋانلىق" دېگەن مەنىدە. ئازادلىقتىن بۇرۇن، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسى، ئازادلىقتىن كېيىن يەنى 1950-يىلغا كەلگەندە بەلدىر يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1952-يىلى بۇ رايون خەلىق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. 1959-يىلى بەلدىر گۇڭشې دەپ ئاتالغان، 1966-«قىزىل يۇلتۇز» گۇڭشې دەپ ئاتالغان. 1975-يىلى بەلدىر گۇڭشې دېگەن نام ئەسلىگە كېلىپ، 1985-يىلدىن ھازىرغىچە بەلدىر يېزىسى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

بەلدىر يېزىسى تاشقورغان دەرياسى ۋە ۋەچە دەرياسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇلاق سۈيى بىر قەدەر كۆپ، سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلىقنى تەڭ ئېلىپ بارىدۇ. چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلدىغان يېزا، ئاساسلىقى بۇغداي، پۇرچاق، ئارپا قاتارلىق  زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلىنىشتىن كېلىدۇ. 2004-يىلى ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 41 مىڭ  كىلوگرامدىن ئاشقان، يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1088 يۈەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان باقمىچىلىق 11049 دانە، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك 17 مو كېلىدۇ. 

ئاقتام كەنتى

ئاقتام كەنتى، بەلدىر يېزىسى بىلەن ۋەچە يېزىسى تۇتاشقان جايدا، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، ئورمان بەلۋېغى بىر قەدەر كۆپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسلىقى جىغان، يۇلغۇن قاتارلىقلار بار، سۆگەتنىڭ ئۆسۈشى مۇددەت  ئۇزۇنلۇقى 200 يىل داۋام قىلغان، غولىنىڭ دىئامېتىرى 2.4 مېتىر، شۇڭا "مىڭ يىللىق قەدىمىي سۆگەت ئالتە ئاكا-ئۇكا " دېگەن كاتتا نامى بار، بۇ جاينىڭ ئورمان بەلۋېغى تار يەر شەكىلىك بولۇپ، "50 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىپتىدائىي ئورمان بەلبېغى" دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 

پاست بەلدىر كەنتى 

پاست بەلدىر كەنتىدە 87 ئائىلە، 399 ئادەم بار. بۇ كەنتنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، تەبىئىي كىلىمات بىر قەدەر ياخشى، قىشتا ئىسىق، يازدا سالقىن، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى كۆپ، مېھرىگىياھ قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بار.

شىندى كەنتىدە 72 ئاھالىلەر، 286 ئادەم باربۇلۇپ، بۇ كەنىتنىڭ يولى قوغۇشلۇق يېزىسى، داتۇڭ يېزىسى، ۋەچە يېزىسى، مارياڭ يېزىسى قاتارلىق يېزىلارغا تۇتىشىدۇ.[0]    

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#