تىتان بوغما يىلىنى
تىتان بوغما يىلىنى ئەڭ قەدىمكى بوغما يىلان تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقا قاتمىسى ئەڭ دەسلەپتە تەخىمنەن 5 مىليون 800 مىڭ يىلدىن 6 مىليون ئىلگىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى كولۇمبىيە نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گۇئاجىرا يېرىم ئارىلىدا، سېررېخون يەر قاتلىمىدا بايقالغان.
بىراق بۇنىڭدىن 5 مىليون 800 مىڭ يىل ئىلگىرىلا نەسلى قۇرۇپ بولغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تىتان بوغما يىلىنى ئەڭ قەدىمكى بوغما يىلان تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ تاشقا قاتمىسى ئەڭ دەسلەپتە تەخىمنەن 5 مىليون 800 مىڭ يىلدىن 6 مىليون ئىلگىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى كولۇمبىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گۇئاجىرا يېرىم ئارىلىدا، سېررېخون يەر قاتلىمىدا بايقالغان.
تىتان بوغما يىلىنى ھازىرقىغا ئوخشاش زامانىۋى بوغما يىلانلارنىڭ چوڭايتىلغان «مەھسۇلاتى». ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشچان تېمپىراتۇرىلىق جانلىق كەم دېگەندىمۇ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 30 سېلىتىسيە گىرادۇستىن 34 سېلىتسىيە گىرادۇستا ياشىيالايدىكەن.
تىتان بوغما يىلىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى بىر توننىدىن ئاشىدۇ. مۇشۇ ئىككى سانلىق قىممەتتىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئوزۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.57 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى ئاللىگاتور تىمسىقى بىلەن 3.05 مېتىرلىق ئۆپكىلىك بېلىق ھەمدە ھازىرقى زاماندىكى يوغان تاشپاقا ئۇنىڭ يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن 5 مىليون 800 مىڭ يىل ئىلگىرىلا نەسلى قۇرۇپ بولغان.
تىتان بوغما يىلىنى ئۆزگىرىشچان تېمپىراتۇرىلىق جانلىق بولۇپ، بۇ تۈرلۈك بايقاشمۇ ئەينى يىلى ئۇ ياشىغان ئىسىسق بەلۋاغ رايونلىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسلىدىكى مۆلچەرىدىنمۇ ئىسسىق بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 32 سېلسىيە گىرادۇس كېلىدۇ. چۈنكى پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، بوغما يىلان ئاندىن يوغىنالايدۇ. بىراق ھازىرقى زاماندا ئۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 26 سېلسىيە گىرادۇستىن 28 سېلسىيە گىرادۇسقىچە كېلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.