نېرۋا ئاجىزلىق

نېرۋا ئاجىزلىق

نېرۋا ئاجىزلىقى-ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھى زەربىگە ئۇچراش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، باش ئاغرىش، چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى نېرۋا ئاجىزلىق
كېسەللىك سەۋەبى پاسسىپ كەيپىيات،قان خىلىتىنىڭ ئازىيىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان تېرىكىش، يۈرىكى سىقىلىش، گۇمانخورلۇق، ئىشتىھاسىزلىق
خەنزۇچە نامى 神经衰弱
تەۋە بۆلۈم نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى neurasthenia

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېرۋا ئاجىزلىقنېرۋا ئاجىزلىقى كىلاسسىك ئەسەرلەردە «زەئفى ئەسەب» دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھى زەربىگە ئۇچراش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كىلىنىكىدا باش ئاغرىش، چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، زېھنىنى يىغالماسلىق، پىكىر خىيالى چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئاساسەن ھاياجانلىنىش، يۈرەك سېلىش، قورقۇنچاق بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ياشلاردا ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا جىددىي خىزمەت، تۇرمۇشتىكى غەم-ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن مېڭىدە سەۋدا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان ئەسەبلەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. پاسسىپ روھى كەيپىيات ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن يۈز بىرىدۇ .
2. قالايمىقان تۇرمۇش تەرتىپى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
3. قان خىلىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
4. بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
6. باشقىلار. [0]

نېرۋا ئاجىزلىقئالامىتى: ئۇيقۇ قېچىش، ئەسەبلەر قالايمىقانلىشىش، قالايمىقان چۈش كۆرۈش، ئۇنتۇغاقلىق، ئاسان تېرىكىش، يۈرىكى سىقىلىش، گۇمانخورلۇق، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، ئېرىنچەكلىك يالغۇزلىقنى خالاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. خىلىت سەۋەبىدىن بولسا خىلىتقا قا

رىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

2. باشقا سەۋەبلەردىن بولغان بولسا، شۇ خىل سەۋەب يوقىتىلىدۇ .

3. ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، مېڭە ۋە ئومۇمي بەدەننى قۇۋۋەتلەش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گىرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5. 2 گىرامدىن، ئەنبەر بەش گىرام، ناۋات 1200 گىرام، سۇ 10 ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە 5. 1 ھەسسە ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

نېرۋا ئاجىزلىقتەركىبى: شاھتەررە، بادرەنجى بۇ، گۈلى گاۋزىبان، 30 گىرامدىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن 15 گىرامدىن، يۇيۇلمىغان جۇۋەرد، تاباشىر، گىل مەختۇم، زەپەر، دۇرۇنجى ئەقرەب، زەرنەپ، كاۋاۋىچىن توققۇز گىرامدىن، كابۇل ھېلىلىسى، قىرقىلغان پىلە، ئاق سەندەل، پىستە پوستى، لاچىندانە ئۇرۇقى، ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق، قىزىل ياقۇت ئالتە گىرامدىن، مارجان، مەرۋايىت، كەھرىۋا ئۈچ گىرامدىن، ئۇد ئىككى گىرام، ئاق شېكەر 500 گىرام، بېھى سۈيى، گۇلاب، ئاچچىق ئانار سۈيى، ئاچچىق ئاپېلسىن سۈيى، زىرىق سۈيى، رەۋەن شەربىتى 70 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: شېكەرنى مېۋە سۈيىدە قىيام قىلىپ، دورىلارنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: قۇرۇق بادرەنجى بۇيىنى 50 گىرام، ئاق شېكەر 500 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: بادرەنجى بۇيىنى چۆكۈشكۈدەك سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، شېكەر سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

  • قاننىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن بولغان بولسا قان تولۇقلاش ئۈچۈن ئانار شەربىتى، ئالما شەربىتى، ئۈزۈم شەربىتى مەجۈنى خۇبسىلھەىدىدئەنجۈر شەربىتى، ئامىلە نۈشدارى قاتارلىقلارغا ئوخشاش دورىلار بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆرسەتمە بويىچە ئىشلىتىلىدۇ .
  • بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن خاس بەلغەمنىڭ مۇنزىچى، ئاندىن بەلغەمنىڭ مۇسھىلى بېرىلىپ خىلىت بەدەندىن تازلىنىدۇ. ئاخىرىدا مىڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .
  • سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا ئالدى بىلەن خاس سەۋدانىڭ مۇنزىچى، ئاندىن سەۋدانىڭ مۇسھىلى بېرىلىپ خىلىت بەدەندىن تازلىنىدۇ. ئاخىرىدا مىڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى، ئومۇمي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى تەسىرلىك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

كۆكنۇر تورىدىن ئېلىندى 

http://www.koknur.net/list.asp?unid=4477

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#