كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى
كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى-زۇكام، مېڭە كېسەللىكلىرى، قېرىلىق، بەدەن ئاجىزلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەزىم ناچارلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز ئۇدۇلىدا پاشا-كۇمۇتىلار ئۇچقاندەك بىلىنىش، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زۇكام، مېڭە كېسەللىكلىرى، قېرىلىق، بەدەن ئاجىزلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەزىم ناچارلىشىش، قەنت سىيىش كېسەللىكى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: كۆز ئۇدۇلىدا پاشا-كۇمۇتىلار ئۇچقاندەك بىلىنىش، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىش، كۆزدىن ياش كەلمەي قۇرۇپ تۇرۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدىغان پايدىلىق ئېلمنتلار
ئادەم بەدىنىدە مەلۇم بىر خىل مىكرو ئېلېمېنت ۋە ۋىتامىن كەم بولسا، ناھايىتى ئاسانلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدىغان ئېلمنت ۋە ۋىتامىنلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىلدىن ئىبارەت:
خىروم:
ئادەم بەدىنىدە خىروم كەم بولسا، ئىنسۇلىننىڭ قان شېكىرىنى تەڭشەش فۇنكسىيەسى تەسىرگە ئۇچراپ، قان شېكىرىنىڭ ئوسماتىك بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىرىستال تەنچىنىڭ نۇر سۇندۇرۇشچانلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا كۆزگە ئاق چۈشىدۇ. خىروم تۇخۇم، جىگەر، قۇش گۆشى، پىشلاق، قوناق، بۇغداي، گۈرۈچ، تۇرۇپ، بەرەڭگىدە بىر قەدەر مول.
سىنك:
ئادەم بەدىنىدە سىنك كەم بولسا، ئۆسۈپ يېتىلىش كېچىكىش، يارا ئاغزى ئاسان پۈتمەسلىك، كۆرۈش سېزىمى چېكىنىش ۋە ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. تەركىبىدە سىنك كۆپ يېمەكلىكلەردىن ئوغۇز سۈتى، كالا گۆشى، جىگەر، بۇغداي، قۇش گۆشى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، يەر ياڭىقى يەنى خاسىڭ، تۇخۇم، پۇرچاقلار بار.
ئارسىن:
ئادەم بەدىنىدە ئارسىن كەم بولغاندا، ئاسانلا كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردە كېسەللىكى يۈز بېرىدۇ، ھەتتا كۆز قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ. جىگەر، بۆرەك، گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەردە ئارسىن مول بولىدۇ.
كالتسىي:
ئادەمدە كالتسىي كەم بولغاندا، كۆز ئالمىسى دىۋارى ئەۋرىشىملىكنى يوقىتىپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئەينەكسىمان تەنچىسى زىيانغا ئۇچراپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىدۇ ياكى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. سۈت ۋە سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، كۆكتاتلار ۋە پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر، بولۇپمۇ سېرىق پۇرچاق ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان نەرسىلەر، قارا پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق، كۈنجۈت قىيامى، ئاپتاپپەرەس، گۈلە، قۇرۇق كىشمىش، ئاپېلسىن، لامنارىيەدە كالتسىي مول بولىدۇ.
ۋىتامىن ِA، B، C
ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن A كەم بولسا، كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى يۇمشاپ قېلىش، كۆز قۇرغاقلىشىش، كېچىدە كۆرەلمەسلىكتەك كېسەللەر ئاسان پەيدا بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىدۇ ۋە يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ. ۋىتامىن A ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، بېلىق تۇخۇمى، قايمىقى ئايرىلمىغان سۈت، تۇخۇم، بېلىق مېيى، راك، رەڭلىك كۆكتات قاتارلىقلاردا مول بولىدۇ.
ۋىتامىن 1B :
ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن B كەم بولسا، كۆز ھېرىش، كۆز ئالمىسى تىترەش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ۋىتامىن B ئاشلىق، پۇرچاق، سۈت، ھايۋانلارنىڭ يۈرەك، جىگەر، بۆرەك، مېڭە قاتارلىقلاردا مول بولىدۇ.
ۋىتامىن 2 B
ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن 2 B كەم بولسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، قاپاق، كۆز ئەتراپى تارتىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن 2 B مول يېمەكلىكلەردىن ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، سۈت، تۇخۇم، پىشلاق، پۇرچاقلار، تروت بېلىقى، مايسىز گۆش، گۈرۈچ، تېرىق ھەم پالەك قاتارلىقلار بار.
ۋىتامىن C :
ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن C كەم بولسا، كىرىستال تەنچە ئاسانلا دۇغلىشىۋالىدۇ، بۇ كۆزگە ئاق چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شوخلا، ئاپېلسىن، قاتارلىق يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەردە ۋىتامىن C مول بولىدۇ.
ئاقسىل:
كۆرۈش تور پەردە سۆسۈن ماددىسى ئاقسىل ۋە ۋىتامىن A نىڭ بىرىكىشىدىن پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، ئادەم بەدىنىدە ئۇ كەم بولسا، كېچىدە كۆەلمەسلىك، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ. [0]
1-رېتسېپ
تەركىبى: يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە، قىزىلگۈل 5. 7 گىرامدىن، ئارپىبەدىيان 55 گىرام، ھەسەل 290 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گىرام دورا 100 مىللىلىتىر ئەرىقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: ئېگىر، ئايارەج پەيقىرا، ئارپىبەدىيان، سەئتەر، ھىڭ، زەنجىۋىل 28 گىرامدىن، ھەسەل 500 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.