ۋۇ جىڭ
ۋۇجىڭ 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋىرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسورى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋۇجىڭ 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان. بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋىرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى ۋە رېژىسسورى.
1989-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك چامباشچىلىق ئەترىتىگە كىرگەن.
1994-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى بىلەن چېمپىيون بولغان.
1998-يىلى «تەيجى گۇمپىسى پېشۋاسى» ناملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرغا قاتنىشىپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.
1999-يىلى«ئۇچقۇر پىچاق» تېلىۋىزىيە-تىياتىرغا قاتناشقان.
2001-يىلى «جىياڭشەن ئوغۇل-قىزلىرى» ناملىق تېلىۋىزىيە-تىياتىردا باش رول ئالغان.
2012-يىلى 12-ئايدا «مەن ئالاھىدە ئەسكەر 2» ناملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرغا قاتناشقان.
ۋۇجىڭ كىنو ساھەسىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسلارنىڭ بېرى بولۇپ، ئۇ قاتناشقان كىنو-فىلىملەر دېگۈدەك مۇكاپاتلىنىپ كەلمەكتە.
2015-يىلى ئۇ قاتناشقان «جەڭ بۆرىسى» ناملىق كىنو كەڭ كىنوخانلاردا قويۇلغان.
ۋۇ جىڭ 2014-يىلى 1-ئايدا داڭلىق رىياسەتچى شې نەن بىلەن توي قىلغان.
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان.[0]
ۋۇجىڭ 2012-يىلى 12-ئايدا يېڭى يىلدا يېڭى كىيىم مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەلچىسى»، نىڭشيا خەييۈەندىكى كىچىك دوستلار ئۈچۈن ئىللىقلىق يەتكۈزگەن. ۋۇجىڭ بالىلارغا يەنە 500 قۇر يېڭى يىللىق يېڭى كىيىم ئىئانە قىلغان.
ۋۇجىڭ بىلەن شيې نەن بىرلىكتە 2013-يىلىدىكى شاڭخەي سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى يۈرەك فوندى ئۇيۇشتۇرغان «2013-يىللىق جۇڭگو خەيرى-ساخاۋەت كەچلىك زىياپىتى»گە قاتناشقان ھەمدە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلىغان.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 30–نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئەزىز مېھمان بۇلۇپ قاتناشقان.
كىنو-تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى
2007-يىلى 10-ئايدا 44-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ھەرىكەتلىك فىلىم ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ئەڭ ياخشى ماھارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ئەڭ ياخشى مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشى لايىھەلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا 1-نۆۋەتلىك چېڭ لوڭ كىنو ھەپتىلىكى ھەرىكەت ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 5-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) ئادەتتىكى ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېل ئاسىيا تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 5-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) ئادەتتىكى ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېل ئاسىيا تەنھەركەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) بىرىنچى، 12-نۆۋەتلىك كىنو توغرىسىدا قانال ئاخبارات مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) بىرىنچى، 12-نۆۋەتلىك كىنو توغرىسىدا قانال ئاخبارات مۇكاپاتى تەشكىلىي كومىتېتى تونۇشتۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 6-ئايدا 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى (فېستىۋالى) بىرىنچى، 12- نۆۋەتلىك كىنو توغرىسىدا قانال ئاخبارات مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2015-يىلى 5-ئايدا 22-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالى ئەڭ ياخشى تۇنجى ئىجادىيەت شەرىپىگە ئېرىشكەن.
2016-يىلى 8-ئايدا 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو خۇابياۋ كىنو مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2016-يىلى 8-ئايدا 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى بارچە گۈللەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2016-يىلى 8-ئايدا 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى بارچە گۈللەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2016-يىلى 8-ئايدا 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى بارچە گۈللەر كىنو مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى سېنارىست مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
چامباشچىلىق مۇكاپاتى
1984-يىلى بېيجىڭ چامباشچىلىق مۇسابىقىسى چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1986-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى مۇشت، مىلتىق، قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1987-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى مۇشت، مىلتىق، قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1989-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى مۇشت، مىلتىق، قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1991-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى نەيزىۋازلىق، مەشىق قىلىپ چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1994-يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى ماھىرلىرى مۇسابىقىسى نەيزىۋازلىق، مەشىق قىلىپ چېمپىيون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى جۇڭگو گۇمپىسى يېڭى كۈچلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.