لاڭ پىڭ

لاڭ پىڭ  80-يىللاردىكى دۇنيا ئاياللار ۋالىبولىدىكى ئۈچ چوڭ توپكا ئۇرغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، «تۆمۈر مۇشت» دەپ نام ئالغان. دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم شەخسىي مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۇدا ئالتە يىل مەملىكەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لاڭ پىڭ
باشقا نامى 铁榔头
مىللىتى خەنزۇ
بوي ئېگىزلىكى 1.84مېتىر
كەسپى تەنھەركەتچى
خەنزۇچە ئىسمى 郎平
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1960-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 71كېلوگىرام
تەنھەرىكەت تۈرى ۋالىبول

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇ 1960-يىلى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا مەكتەپ قىزلار كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى بولغان. 14 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرگەن، 16 يېشىدا بېيجىڭ ياشلار كوماندىسىغا يۆتكەلگەن. 1978-يىلى 18 ياشقا تولمىغان لاڭ پىڭ دۆلەتلىك كوماندىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ھەمدە ئاساسلىق كۈچ سۈپىتىدە مانگودا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، باش كۆتۈرۈپ چىققان. 1979-يىلى 12-ئايدا شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئاسىيا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئۇ قاتتىق توپكا ئۇرۇپ ياپونىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئىسىنى قالايمىقان قىلىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىدىن يۇقىرى مۇسابىقىلەردە ئىككى قېتىم «ئۇدا ئۈچ چېمپىيون» لۇق نامىغا ئېرىشكەن ياپونىيە ئاياللار كوماندىسىنى تۇنجى قېتىم يېڭىشى ئۈچۈن، چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن.

 1981-يىلى 11-ئايدا لاڭ پىڭ ۋە ئۇنىڭ كوماندىداشلىرى يەتتە مەيداننىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇپ، 3-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۆزى مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1982-يىلى جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 9-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. لاڭ پىڭ گېزىت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن.

 1983-يىلىنىڭ بېشىدا، سۈن جىڭفاڭ، ساۋ خۇييىڭ قاتارلىق كونا ئەزالار سەپتىن چېكىنىپ، ئۇ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى  1984-يىلى لوس-ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يەنە چېمپىيونلۇق تەختىگە چىقىپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئىنتىزار بولغان «ئۇدا ئۈچ چېمپىيون بولۇش» ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. 

لاڭ پىڭنى خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى ئورگان مەتبۇئاتى «ۋالىبول» ژۇرنىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى، ئەڭ مۇنەۋۋەر توپكىچى دەپ باھالىغان ھەمدە غايىلىكلەر سېپىگە تاللىغان. لوس-ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم كونا تەنھەرىكەتچىلەر سەپتىن چېكىنىپ، لاڭ پىڭ كوماندا مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1985-يىلى  4-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، لاڭ پىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ۋە مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#