ئەنجىلىنا جۇلى

ئەنجىلىنا جۇلى

ئەنجىلىنا جۇلى (AngelinaJolie)؛ 1975-يىلى 6-ئاينڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەنجىلىنا جۇلى
مىللىتى گېرمانىيە، چېخ، فرانسىيە ۋە ئىندىئان قان سىستېمىسى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1975-يىلى 6-ئاينڭ 4-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 1.70 مېتىر
كەسپى ئارتىس، رېژىسسور، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا/كامبودژا (قوش دۆلەت تەۋەلىكى)
يۇرتى لوس ئانجىلىس
يۇلتۇز تۈركۈمى جەزۋا يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى A تىپ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى NYU TISCH

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنجىلىنا جۇلىئەنجىلىنا جۇلى (AngelinaJolie)؛ 1975-يىلى 6-ئاينڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا تۇغۇلغان. كۆزى يېشىل، چېچى قوڭۇر، قان تىپى A، ئۇنىڭ دادىسى ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى جون ۋويت (JonVoight)، ئانىسى مەچلىن بىرتلەند ("Marcheline" Bertrand) كانادا تەۋەلىكىدىكى فرانسىيەلىك ئارتىس. بۇ ئىككەيلەن ئەنجىلىنا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە ئاجرىشىپ كەتكەن. ئەنجىلىنانىڭ بىر رېژىسسور ئاكىسى بولۇپ، ئىلگىرى ئەنجىلىنا قاتناشقان بىر فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان. گەرچە ئەنجىلىنانىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئارتىس بولسىمۇ بىراق ئەنجىلىنانىڭ ئارتىس بولۇپ قېلىشىنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرمەك ناھايىتى تەس. چۈنكى ئاتا-ئانىسى ئۇبىر ياشقا كىرمەيلا ئاجرىشىپ كەتكەن. بۇ ئەنجىلىنانىڭ ھازىرقى مۇستەقىل خاراكتېرىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىرىنچى ئامىلى ئىدى. ئۇ كىچىك چېغىدا دائىم ئانىسى ۋە ئاكىسىغا ئەگىشىپ كۆچۈپلا يۈرگەن. 

ئەنجىلىنا جۇلى 14 يېشىدا مودىل بولغان. 16 يېشىدا ئانسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن نيۇيورىكقا كېلىپ بىر تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچسى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ھاياتى باشلانغان. ھۆسىن-جامال ۋە ئەقىل-پاراسەتكەباي بۇ قىز كېيىن ھوللىۋودقا قەدەم تاشلىغان.

 ئۇنىڭ 1998-يىلىدىن ھازىرغىچە ئېرىشكەن خەلقئارالىق شان-شەرەپ ۋە مۇكاپاتلىرى 20 نەچچىگە يېتىدۇ.

ئەنجىلىنا جۇلى ھازىرقى ئېرى براند پىت (Brad Pitt) بىلەن «شىمىس ئەر-خوتۇن» ناملىق كىنونى ئىشلەش جەريانىدا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان.

2000-يىلى ئەنجىلىنا ئىككىنچى ئېرى بىلەن تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئاجىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى بىر پارچە خەت ۋە بىرتېلېۋىزىيە سۆھبىتى ئارقىلىق ئەنجىلىنانى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەنجىلىنا سوتقا فامىلىسىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. 2007-يىلىغا كەلگەندە ئىككەيلەن پاراڭلىشىپ يارىشىپ قالىدۇ.

ئەنجىلىنا جۇلى2007-يىلى ئۇنىڭ ئانىسى راك كېسىلى بىلەن كۆز يۇمىدۇ. 2001-يىلى ئەنجىلىنا ب د ت نىڭ مۇساپىرلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەلچىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ مىھرىبانلىقى ۋە خەير–ساخاۋەتلىرىمۇ ساپىرلارغا ئۈمىد بېغشلايدۇ. ئۇ بۇ كومىتېتتىكى باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن 2001-يىلىدىن 2009-يىغىچە بولغان 8 يىلدا 5 قىتئەدىكى 20 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ، مۇساپىرلانىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى مۇساپىرلارغا ئاتاش قارارىغا كېلىدۇ. كېيىن ئۇ ئېرى براند پىت بىلەن بىللە جۇلى-پىت فوندىنى تەسىس قىلىدۇ. بۇ فوند دۇنيادىكى 30 نەچچە خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر يىللىق ئىئانە سوممىسى نەچچە مىلىيون دوللاردىن نەچچە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرى غا يېتىدۇ. شۇڭا ئۇ دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى خانىش، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنىڭ پەرىشتىسى، ئاياللاردۇنياسىدىكى ئۇلۇغ ئانا، دەپ تەرىپلىنىدۇ.

ئەنجىلىنانىڭ ۋەكىل خاراكتېرىدىكى كىنولىرىدىن «قەدىمىي قەبرىدىكى گۈزەل»، «شىمىس ئەر-خوتۇن»قاتارلىقلار بار. ئۇ ھازىرغا قەدەر 40 تىن ئارتۇق كىنودا رول ئالغان.[0]

ئەنجىلىنا جۇلى72-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچىسى؛  

81–نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن؛  

7-قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا، 3 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛

4 قېتىم ئارتىس ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن، 2 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛

20 مىليون دوللارلىق كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى.[2]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#