ئۇلۇغچات بازىرى

ئۇلۇغچات بازىرى

ئۇلۇغچات بازىرى ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇن.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇلۇغچات بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 3 كۇۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌恰镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئۇلۇغچات ناھىيەسى
نوپۇسى 6000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇلۇغچات بازىرى ئۇلۇغچات بازىرى ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇن. 1947-يىلى قىزىلئۆي بازىرى بۇلۇپ قۇرۇلغان ، 1984-يىلى ئۇنىڭ نامى شەھەر ئىچى بازىرىغا ئۆزگەرتىلگەن، 1985-يىلى يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان، 1986-يىلى يېڭى نامى ئۇلۇغچات بازىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. ناھىيە تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قىزىلئۆي ئويمانلىقىغا جايلاشقان . كۆلىمى 3 كۇۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 6000، قىرغىز، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار.

ئۇلۇغچات بازىرىئۇلۇغچات بازىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن كوئېنلۇن تېغى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب شىمالى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ ( چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 410 كىلومېتىر ). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 160 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 17900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىگە قاراشلىق 2 بازار ، توققۇز يېزا، 30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە بولغان 1527 كىلومېتىر. 1995-يىلى يىل ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 41 مىڭ 600 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار %73.10، ئۇيغۇرلار %19.76، خەنزۇلار %6.89، باشقا مىللەتلەر %0.25 نى ئىگىلەيدۇ.

ئۇلۇغچات بازىرىقىرغىزلار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى ئاساس قىلىدۇ، لېكىن چارۋىچىلىق رايونلىرى بىر كۈندە ئىككى ۋاخ تاماقنى ئاساس قىلىدۇ، بۇلۇپمۇ چارۋىچىلار ۋە ئوۋچىلار كۆپىنچە بىر كۈندە ئىككى ۋاق تاماقلىنىدۇ. ئادەتتە ناشتىلىق بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، كۆپىنچە سۈت ۋە باشقا يېمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىنىدۇ، كەچلىك تاماق بىرقەدەر مول بۇلىدۇ. چۈشلۈك تاماق بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، چارۋىچىلار چۈشتە كۆپىنچىسى ئېلىپ يۈرىدىغان ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن دالادا ئوزۇقلىنىدۇ.ئالاھىدە تائاملاردىن قۇرما، قېزا، قېتىق، قۇرۇق قېتىق، سۈتنىڭ يۈزى،مايلىق نان، بۇل قۇم (بوغۇرساق)، كىيىم بۇل قۇم (مايدا پىشۇرۇلغان مېۋە) سامساق (سامسا)، چۆچۈرە (جۇۋاۋا)، خام قايماق، شويلا، پولو، لەڭمەن، نان، بۈدۈر، قاتلىما،قىمىز قاتارلىقلار بار.

ئۇلۇغچات بازىرىئۇلۇغچات بازىرىنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى ۋە چاقماق دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 960 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، پوقاق بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، سۇغۇ، ئۇلار، تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورىلىق ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئەڭلىك ئوت، چۈچۈكبۇيا، ھىڭ، ئېفېدرا، پاقىيوپۇرماق، سۇغۇر سېسىقئوتى، جۇڭگو داڭگۇنى كىرەش، كاپكاپ، كەتىراچىنى، يەر مەدىكى، پالما مەرىزى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، مايلىق سلانېتس، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، سترونتىسىي، ئالتۇن، ئۇششاق تاش، تۇرز، گۈڭگۈرت، ھاك تاش، تاش مۇم، فارفۇر توپىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن ئوبلاست كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#