چاڭشا شەھىرى
چاڭشا شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاڭشاچاڭشا شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. چىن سۇلالىسى چاڭشا ۋىلايىتىنى تەسىس قىلىپ رەسمىي مەمۇرىي ئورۇنغا ئايلاندۇرغان، ليۇ باڭ چىن سۇلالىسىنى يوقىتىشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ۋۇ رۇينى چاڭشانىڭ بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن چاڭشا بەگلىكلەرنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. چىڭشۈيتاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شياڭچۇي رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كونا ئورنى، خۇنەن1-پېداگوگىكا مەكتىپى، چۇەنشەن ئىلىم ئۇيۇشمىسى، خۇنەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىنقىلابىي ئورۇنلار ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانماقتا. يەنە داڭلىق ماۋاڭدۇي خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقى، لۇشەن ئىبادەتخانىسى، يۆلۇ بىلىم يۇرتى، ئەيۋەن راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
چاڭشابەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق دەۋرىدە 10 فېئوداللىق بۆلۈنمە دۆلەتلەرنىڭ بىرى − چۇ دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان. چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن. چاڭشا يەنە ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە باي شەھەر بولۇپ، ماۋ زېدۇڭ، سەي خېسېن، شۈي تېلى قاتارلىق ئىنقىلابچىلار ياش-ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپلا بۇ يەردە جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى ئىنقىلابىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغان.
ماۋزىدوڭ ھەيكىلىبۇ گۈزەل مەدەنى ئىكولوگىيەلىك شەھەردە نۇرغۇنلىغان ساياھەت رايونلىرى بار مەسىلەن:
يۆلۈشەن ساياھەت رايونى، چىڭشۈيتاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شياڭچۇي رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كونا ئورنى، خۇنەن1-پېداگوگىكا مەكتىپى، چۇەنشەن ئىلىم ئۇيۇشمىسى، خۇنەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىنقىلابىي ئورۇنلار ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانماقتا. يەنە داڭلىق ماۋاڭدۇي خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقى، لۇشەن ئىبادەتخانىسى، يۆلۇ بىلىم يۇرتى، ئەيۋەن راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
چاڭشا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاساسىي مائارىپى خۇنەن ئۆلكىسى ئىچىدە ھەتتا مەملىكەت بويىچە بىر قەدەر يۇقىرى ئىناۋىتى بار.
چاڭشادا داڭلىق ئۇنۋېرستىتلاردىن: جوڭنەن ئۇنۋېرستىتى، خۇنەن ئۇنۋېرستىتى، خۇنەن پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى، خۇنەن يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستىتى، چاڭشا تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتى، چاڭشا سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرستىتى، جوڭنەن ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرستىتى، خۇنەن جوڭيى دورىلىرى ئۇنۋېرستىتى..........
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.