يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى

يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى

يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قەدىمكى يىپەك يولى شىمالىي يولى، ئورنى يەنجى ناھىيەسى شىگشىن بازىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پاكار تاغلىق ۋە يانتۇ يەرلەر بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە تارقىلىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، شۇنداقلا قاراشەھەر دۆلىتىنىڭ بۇددا دىنى مەركىزى بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى
باشقا نامى شىكشىم بۇددا بۇتخانىسى خارابىسى
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
جۇغراپىيەلىك ئورنى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى
خەنزۇچە نامى 七个星佛寺遗址
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى قەدىمكى يىپەك يولى شىمالىي يولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىيەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ھازىرغىچە 1700 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، — شىنجاڭدا بۇددا مۇنارى، بۇتخانا، مەدرىس ۋە راھىپ ئۆيلىرى تۇرمۇش رايونى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىمارەتلەر توپى خارابىسى. ئىلگىرى جىن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قاراشەھەر بەگلىكىنىڭ بۇددا دىنى مەركىزى بولغان. پۈتكۈل بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 مىڭ كۋادرات مېتىر ئېشىپ كەتكەن، ئىبادەتخانا خارابىسى جەنۇب، شىمال ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، خارابىلىكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بۇلاق ئازگىلى بىلەن چېگرالىنىدۇ، يەر يۈزى ئىبادەتخانا بىناكارلىقى ۋە غار بىناكارلىق ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. كىچىك ئىبادەتخانا ساقلىنىپ قالغان ئىمارەتنىڭ 93 جايىدا 11 ئۆڭكۈر غار ئىچىدە چالغۇ قىلىنىدىغان بۇيۇملار، بۇت تەگلىكى قاتارلىقلارنىڭ تام رەسىملىرى ساقلىنىپ قالغان. لايدىن ياسالغان بۇت بودىساتۋا قاتارلىقلارنىڭ سىزىلغان رەسىملىرى قېزىۋېلىنغان.

يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىيەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىكى ئېكسپېدىتسىيەچىلەر ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كىرىپ، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى  ئىزدەپ، خارابىنى قېزىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. ئىلگىرى ـ ئاخىر بولۇپ گرونۋېدېل، ستەيىن، ئودېڭباۋ قاتارلىقلار نۇرغۇن يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھەمدە تام رەسىملىرىنى ئېلىپ كىتىپ مەزكۇر بۇددا ئىبادەتخانىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.

بۇ خارابە بىناكارلىق سەنئىتى ئاساسلىقى كېسەك يۆلەپ ياسالغان، بىئولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق ۋە سۈنئىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن خارابە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلاردىن مەسىلەن: ساراي، راھىبلار ئۆيى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گەۋدىسى ۋە ۋاسىتىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى1991-يىلدىن 1996-يىلغىچە بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى، يەنجى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ئۈچ قېتىم يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى قوغداش قورشاۋ تام ياساش ئېلىپ بارغان.

2001-يىلى يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن؛

2005-يىلى بۇ خارابە يىپەك يولى شىنجاڭ بۆلىكى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

2006-يىلى بۇ خارابە يىپەك يولى شىنجاڭ بۆلىكى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا، بېيجىڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى ئۈستىگە ئېلىپ تۈزگەن «قاراشەھەر (يەنجى) يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش پىلانى» ئۆلكە دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەشتە ماقۇللانغان. 

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، بۇ 1961-يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن قەدىمكى خارابىسى، ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قوغداش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىغان.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدىكى يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى مەدەنىيەت ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يەتتە يۇلتۇز بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى يەنە مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئېچىۋېتىلىدۇ. 

بۇ خارابىلىكتىن توخار دېگەن خەتلەر يېزىلغان قەغەز ھۆججەت قېزىۋېلىنغان بۇلۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ قەدىمكى يەنجى ناھىيەسىنىڭ تارىخى، ھەتتا غەربىي يۇرتتا جەمئىيەت تەرەققىيات تارىخى بۇددا دىنى تارىخى، دراما تارىخى قاتارلىق مۇھىم قىممەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە «مايتىرى سىمىت» توخرى يىزىقى، قەدىمكى كىگىت دۆلىتى بۇددا دىنىنىڭ گۈللىنىشىدە شاھىد بولغان، شۇنىڭدەك يەنجى قەدىمكى بۇددا دىنى تارقىلىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#