ئاقساقمارال يېزىسى

ئاقساقمارال يېزىسى

ئاقساقمارال يېزىسى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاقساقمارال يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى مەمۇرىي يېزا
چەتئەلچە نامى The al-aqsa g hot le ma township
تېلېفۇن رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿克萨克马热勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر مارالبېشى ناھىيەسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى
ماشىنا كودى 新Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقساقمارال يېزىسىئاقساقمارال يېزىسى مارالبېشى ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر، ئۆلكە يولى 215-لىنىيەسىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن، يېزا ئىگىلىك 3–شىسىنىڭ 48-تۇەنى بىلەن قوشنا. ئومۇمىي كۆلىمى 1147 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 25565 ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار. بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇر 23317 ئادەم، %90 نى، خەنزۇلار 2448 ئادەم، %10 نى ئىگىلەيدۇ. 1984-يىلى ئاقساقمارال يېزىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 

ئاقساقمارال يېزىسى شەرق تە قەشقەر دەرياسى شاماللىق كۆل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى يەكەن دەرياسى ۋە يېزا ئىگىلىك 3–شىسىنىڭ 48-تۇەن مەيدانى، مەكىت ناھىيەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربتە ئالاغىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى قاراماي مارىيە كېچىن دېھقانچىلىق مەيدانى، ئاناركۆل يېزىسى بىلەن قوشنا. ئاقساقمارال يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق كەنت، مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 46 كىلومېتىر، مارالبېشى پويىز ئىستانسىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، پۈتۈن يېزا تاشيول كېسىپ ئۆتىدىغان پۈتكۈل يول 50 كىلومېتىر، تاشيول ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 187 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى 73.01 كىلومېتىر، كەنت يولى 30، ئومۇمىي مۇساپىسى 113.52 كىلومېتىر؛ 119.35 كىلومېتىر يولغا تاش-شېغىل ياتقۇزۇلغان، توپا يول 167.02 كىلومېتىر. 

ئاقساقمارال يېزىسىئاقساقمارال يېزىسى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سودا ئىشلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بازارلارنىڭ بىرى. 

بىر يىلدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 156 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 120 مىليون يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1800 يۈەن. ئاساسلىقى ئاشلىق، كېۋەز، چارۋا ئاساس قىلىنغان. كېيىن باغۋەنچىلىك كەسپى تېز تەرەققىي قىلغان. 

ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 2100 توننا، پاختا مەھسۇلاتى 200 مىڭ توننا؛ يېزا ئىگىلىك رايونى چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان، بۇلۇپ، ئاساسلىق سمېنتال كالىسى، قارا ئالا كالا، دولان قويى، ئۆچكە ھەم توخۇ، ئۆردەك، رەڭدار قىرغاۋۇل، توخۇنىڭ كۆپىنچىلىرى قالپاقلىق چىپار توخۇ قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى بار. 

يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 59680 تۇياق، چىقىم قىلىنغان تاۋار چارۋا 28000 تۇياق، ئۆي قۇشلىرى 210000 دانە ئالاھىدە ئۆي قۇشلىرى بار؛ 

ئاقساقمارال يېزىسىئاقساقمارال يېزىسىغا قاراشلىق 20 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: قامىلىق كەنتى، چىڭلاۋچى كەنتى، تەڭبازار كەنتى، ئاققۇم مازار كەنتى، چىنەكۆل كەنتى، جىگدەكۆل كەنتى، گۆزەر كەنتى، قاتاردۆڭ كەنتى، ياسىندى كەنتى، چارئالدى كەنتى، ئۆتەڭ كەنتى، بورىچىدۆڭ كەنتى، ئاقساقمارال كەنتى، قۇمكۆل كەنتى، تۇزلۇققاش كەنتى، قىچىلىق كەنتى، يېڭىيەر كەنتى، مازاربېشى كەنتى، كۆچۈرمەبېشى كەنتى، قىشلىقباغ كەنتى قاتارلىق كەنتلەر بار.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#