قىزىلسۇ يېزىسى

قىزىلسۇ يېزىسى

قىزىلسۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيە بازىرىغا 24 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى قىزىلسۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 377 مىڭ مو
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克孜勒苏乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 31851 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىلسۇ يېزىسىپۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 377 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 70012 مو، ئورمان كۆلىمى 21 مىڭ مو، ئېچىلمىغان يەر 150 مىڭ مو. يېزا بويىچە 40 مەمۇرىي كەنت بار، 167 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 7006 ئائىلىلىك دېھقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 31851 ئادەم، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 30767 ئادەم. توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان. يېزا بويىچە جەمئىي 15 ئورگان كەسپىي ئورۇنلار، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 12 مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، 15 ئوقۇتۇش نۇقتىسى، بىر شىپاخانا بار. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9600 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1914 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇش 377 يۈەن بولغان.

قىزىلسۇ يېزىسىقىزىلسۇ يېزىسىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى : 653129208. قاراشلىق 40 كەنت ئاھالە كومىتېتى : باشلەڭگەر كەنتى، ئاياغ لەڭگەر كەنتى، قۇمباغ كەنتى، توقاي كەنتى، باش لىغىلدىما كەنتى، لەڭگەر مەھەللىسى كەنتى، لىغىلدىما كەنتى، ئاياغ لىغىلدىما كەنتى، لىغىلدامار يانئېرىق كەنتى، يېڭىلەڭگەر كەنتى، باش يانئېرىق كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، قوشتوغراق كەنتى، ئامبار ئىستانسىسى كەنتى، باغتوغراق كەنتى، يولچى كەنتى، تاغئېرىق كەنتى، گۈلباش كەنتى، ئوڭئېرىق كەنتى، چوڭئېرىق كەنتى، شالئېرىق كەنتى، باغ ئېرىق كەنتى، ئاقئېرىق كەنتى، ئونتام كەنتى، باشئۇنتام كەنتى، بەشتام كەنتى، دۆلەتباغ كەنتى، قۇمقوتان كەنتى، قىرىقتام كەنتى، ئاقتوقاي كەنتى، ئاياغ مازارقۇم كەنتى، مازارقۇم كەنتى، باش مازارقۇم كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، ئاقدۆڭ كەنتى، توقۇل كەنتى، ئاياغ ئويتاق كەنتى، ئويتاغ كەنتى، باش ئويتاغ كەنتى، توغراقلىق كەنتى. 

قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، تۆت پەسىل ئېنىق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، ھۆل-يېغىن ئاز، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، ئاساسلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن كەلكۈن، مۆلدۈر، تۇلا. سۇ-تۇپراق بايلىقى مول، تەركىبىدە بولىدىغان بوز يەر ئېچىش كۆلىمى 120 مىڭ مو چاپمىلىق ئوتلاق، چۆل-جەزىرە بۇ يېزىنىڭ يەر كۆلىمى %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن توغراق، خۇڭليۇ، قومۇش ، يانتاق قاتارلىقلار، ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا توشقان، قىرغاۋۇل، قاغا، پاختەك قاتارلىقلار بار. 

قىزىلسۇ يېزىسىقىزىلسۇ يېزىسىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، تاۋۇز، قوغۇن، زىرە قاتارلىقلار. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق پايدىسىز ئامىللار تۇپراقنىڭ شورلىشىشى، زەيكەش سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، پارچە-پۇرات تېرىلغۇ يەر كۆلىمى چوڭ. شورلۇق تۇپراق قوغۇن ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان پەيزىۋات قوغۇنىنىڭ سۈپىتى ئېسىل، قىزىلسۇ يېزىسى جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلات يادرولۇق رايونى. 

قىزىلسۇ يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، سودا-سېتىق گۈللەنگەن. ئاساسلىق سودا تاۋار چارۋا بار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، توقۇمچىلىق، بەش خىل مېتال، يېمەكلىك، كۈندىلىك بۇيۇملار قاتارلىقلار بار، كۈنلۈك پۈتۈشۈش سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى. سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق نىسبەتەن بازار كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى، ئۇل مۇئەسسەسە سودا مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، تەسىر دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#